خۇ جىنتاۋنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغان يېڭى نەزىرىيىسى
2006.11.02
خۇ جىنتاۋ خىتاينىڭ رەئىسلىكىگە بەلگىلەنگەندىن كېيىن، ئۇ 16 - نۆۋەتلىك كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇميىغىنىدا "سوتسىيالىستىك ئىناق جەمىيەت قۇرۇش" دېگەن سۆزنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. يېقىندا ئېچىلغان 6 - ئومۇميىغىندا "سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشقا دائىر چوڭ مەسىلىلەر توغرىسىدا قارار" ماقۇللاندى. دېمەك، بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن ، خۇ جىنتاۋنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش نەزىرىيىسىنىڭ ماۋزۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا، ئەمدى بۇ ماۋزۇ پارتىيىنىڭ قارارىغا ئايلاندى. خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ نەزىرىيىسىنىڭ تەبىرى "گۇاڭمىڭ گېزىتى" دە "كۆزەتكۈچى" دېگەن ئاپتور نامى بىلەن ئېلان قىلىنغان باشماقالىدە سۆزلەندى. ئون نەچچە مىڭ خەتلىك بۇ باش ماقالىدە جاڭ زىمىننىڭ نامى پەقەت بىر قېتىملا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلۈپ، خۇ جىنتاۋنىڭ نامى بولسا ئالاھىدە تۈس بىلەن تىلغا ئېلىنىپ 14 قېتىم تەكرارلاندى. ئۇنىڭ "سوتسىالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش" دېگەن شۇئارى 92 قېتىم تەكرارلاندى.
بۇرۇن "ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مەركەز" قىلىنغان بولسا، ئەمدى خۇ جىنتاۋ "ئىجىتمائى قۇرۇلۇش"قا ئەھمىيەت بېرىدىكەن
"كۆزەتچى" دېگەن ئەپەندىم خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ نەزىيىسىنى خەلققە "خىتاينىڭ يۇقىرىي قاتلىمىدا يۈز بېرىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش" دەپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان. بۇرۇن "ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مەركەز" قىلىنغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن خۇ جىنتاۋنىڭ "ئىجىتمائى قۇرۇلۇش"قا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما ئامېرىكىنىڭ پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سىياسەتشۇناس مۇتەخەسسىس چېن كۇيدﯤ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ "سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش" دېگەن سۇئارى يېڭى نەرسە ئەمەس. كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھەر قانداق رەھبىرى تەختكە چىقسا، ئۇ ئۆزىنى يېڭى بىر دەۋرنى ياراتقان قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. ئۇنداق قىلمىسا، ئۇ يەنىلا ئادەتتىكى بيۇروكرات دەپ قارىلاتتى. شۇڭلاشقا خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىم سەھنىگە ئۆزىنىڭ يېڭى نىقابىنى كىيىپ چىققان.
خۇ جىنتاۋ سولغا بورۇلۇشنى ئاز-ئازدىن ئىشقا ئاشۇرۇۋاتىدۇ
چېن كۇيدﯤ ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، مەيلى سوتسىيالىزم بولسۇن ياكى كوممۇنىزم بولسۇن، ھەممىسى ئوخشاشلا جەمئىيەتكە ئاڭ -فورما جەھەتتىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان شەكىل. ئۇنى نېمە دەپ ئاتاشتىن ياكى شەكىلنىڭ قانداق ئۆزگەرتىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەگەر ئاڭ -فورما جەھەتتىن قاتتىق كونترول قىلىىش ئۆزگەرتىلمىسە، ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانغا تەڭ. خۇ جىنتاۋ ئاغزىدا ھەرخىل پىكىرلەر مەۋجۇت بولغان ئىناق جەمىيەت، دەپ قويغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە پەقەت خۇ جىنتاۋنىڭ ئۆزىنىڭلا ئاۋازى مەۋجۇت، باشقا كىشىگە يول يوق. ھازىر پىكىر ئەركىنلىكىنى ئىسكەنجىگە ئېلىش جاڭ زېمىن دەۋرىدىكىدىنمۇ چىڭ. ئىنچىكە كۆزەتكەندە، خۇ جىنتاۋ ھازىر خىتايدا تۆۋەن قاتلامدىكى ئاجىز تەبىقىلەرگە ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى يۆلەشنى تەكىتلەش ئارقىلىق يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، بۇ شەكىل بىلەن سولغا بورۇلۇشنى ئاز-ئازدىن ئىشقا ئاشۇرۇۋاتىدۇ.
خۇ جىنتاۋ بۇنىڭدىن كېيىن خىيانەتچىلىككە ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى يەنە ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ
ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتشۇناس مۇتەخەسسىس ليۇ شاۋجۇ ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ سوتسىالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش دېگەن نەزىرىيىسىدە "پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش" دېگىنى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، "پارتىيىنىڭ دۆلەتنى ئىدار قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش" دېگىنىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش. ئۇنىڭ ھازىر دەۋاتقان بۇ گەپلىرىدە ھېچقانداق يېڭىلىق يوق. دۆلەت پۇقرالىرىنى سۆزلىگىلى قويماي، ئەھلى-ئىلمىيلەرنى باستۇرىدىغان، پەقەت ئۆزىلا سۆزلەيدىغان ئىناق جەمئىيەت بولامدىكەن؟ خۇ جىنتاۋنىڭ ھازىر دەۋاتقىنى بىر يالغان "ئىناق جەمئىيەت".
ئۇنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ بۇنىڭدىن كېيىن "ئىناق جەمئىيەت" دېگەن بۇ شۇئارنى خىيانەتچىلىككە ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش سىياسىتىگە تايىنىپ داۋاملاشتۇرماقچى.(ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان زىيارىتىگە قارىتا ئىنكاسلار
- خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆز قىلدى
- ئاق ساراي ئالدىدا يۈز بەرگەن خۇ جىنتاۋغا قارشى ۋەقەلەر ۋە ئۇيغۇرچە كىيىنىپ قارشى ئېلىشلار
- جورج بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ ئاق ساراي ئالدىدا قىلغان سۆزلىرىدىن تەرمىلەر
- تۈرك مەتبۇئاتىدا خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى
- خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە
- خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىگە بولغان ئىنكاسلار