خۇ جىنتاۋ دۇچ كېلىۋاتقان ئۈچ چوڭ كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن "ئوبراز ياخشىلاش" تەشۋىقاتىنى يولغا قويماقتا


2007.01.23

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "سايراش" ژۇرنىلىنىڭ 2007 ‏- يىل 1 ‏- سانىدا بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋ 2006 ‏- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېچىلغان 20 ‏- قېتىملىق سىياسىي بيۇرو يىغىنىدا، ئۆلكە دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن مەركىزى ھۆكۈمەتكە ھەر كۈنى 450 پارچىدىن ئارتۇق دوكلات يوللىنىپ تۇرۇلىدىغانلىقى، بۇ دوكلاتلارنىڭ يېرىمىدىن تولىسى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق ۋەقەلىرى ھەققىدىكى ئىنكاسلار، بولۇپمۇ ئۈستقۇرۇلما ساھەسى ۋە دېموكراتىك پارتىيىلەر دەپ ئاتالغان تەبىقىلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى، خەلقنىڭ دەرد -پەرياتلىرى ئۇلغىيىۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلار بولۇپ، خۇ جىنتاۋ يىغىندا بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ھازىر كوممۇنىست پارتىيىنىڭ سىياسىي كرىزىس، ئىجتىمائىي كرىزىس ۋە تۈزۈم كرىزىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كرىزىسكە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ۋىن جياباۋ مۇ بۇ يىغىندا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ‏ -‏ كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ساقلانغان مەسىلىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا "ھازىر كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئەڭ جىددىي خىزمەت ‏- كرىزىسكە تاقابىل تۇرۇش. بۇ ‏- كوممۇنىست پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك ئورنى ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان جەڭ". يىغىندا، بۇ خىزمەتنى ئورۇنلاش ئۈچۈن )كرىزىسكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن(، مەركەزگە ئەگىشىشى ياخشى بولغان بېيجىڭ، تيەنجىن، نىڭشا، تىبەت، گۇاڭشى، شىنجاڭ، سەندۇڭ، گەنسۇ قاتارلىق شەھەر، ئاپتونوم رايۇن ،ئۆلكىلەرنى تەقدىرلىگەندىن باشقا، مەركەزگە ئەگىشىشى ناچار بولغان خېنەن، ئىچكى موڭغۇل، يۈننەن، چىڭخەي قاتارلىق 19 ئۆلكىگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش تەدبىرىنى قوللىنىش قارار قىلىنغان. يېقىندىن بۇيان ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ئېنىقلاشقا ئەھمىيەت بەرمەكتە.

خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زېڭ چىڭخۇڭ ئەپەندى خۇ جىنتاۋدىن دۆلەت رەئىسىلىك ئورنىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ 11 ‏- يانۋار كۈنى بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى، "شاڭخەي گۇروھى"نىڭ مۇھىم ئادىمى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان زېڭ چىڭخۇڭ ئەپەندى خۇ جىنتاۋدىن دۆلەت رەئىسىلىك ئورنىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، زېڭ چىڭخۇڭ شاڭخەي گۇروھىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئادىمى بولغان چېن لياڭيۈنى چىرىكلىك بىلەن بىلەن ئەيىبلەشتە خىزمەت كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بەدىلىگە، خۇ جىنتاۋدىن دۆلەت رەئىسىىلىك ئورنىنى بىكار قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. دۆلەت رەئىسىلىكىنى تالىشىش بىر تەلەپلا ئەمەس، بەلكى بۇ بىر ئەمەلىي ھەرىكىتى بار رىقابەت بولۇپ، خۇددى "مالىيە" ژۇرنىلىدا بايان قىلىنغاندەك، خىتايدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر قۇۋىتى سېستىمىسىنىڭ پاي چېكىنى كونترول قىلىدىغان "لۇنىڭ گۇرۇھى" نىڭ مەبلىغىدىن بۇلتۇر بىريىل ئىچىدىلا 70 مىليارد يۇەن پۇل شەخسىيلەرنىڭ ھېسابىغا ئۆتۈپ كەتكەن. بۇ دېلوغا چېتىلغان ئەڭ چوڭ ئۈچ كىشىنىڭ بىرى لۇنىڭ گۇرۇھىنىڭ باشلىقى زېڭ چىڭخۇڭنىڭ ئوغلى زېڭ ۋېي، قالغان ئىككىسى سىياسىي بيۇرو ئەزاسى، خۇبېي ئۆلكىىسنىڭ شۇجىسى يۈ جېڭشېڭ ۋە شىنجاڭنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۇەن.

سۈنئىي ھەمراھ ئاسمانغا چىقىپ قىزىل بايراق يەرگە چۈشتى

خىتايدا چىقىدىغان "ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم تېخنىكىسى" دېگەن ھەپتىلىك گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، 1 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 6 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ، سىچۇەندىن ئېتىلغان "يول ئاچقۇچى"‏- 2 بەلگىلىك ئوتتۇرا مۇساپىلىق سۈنئىي ھەمراھقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا 860 كىلومېتىر ئىگىزلىكتە، 1999 ‏- يىلى قويۇپ بېرىلگەن "چاپقۇن" 1 -c بەلگىلىك ھاۋا رايىنى كۆزىتىدىغان سۈنئىي ھەمراھقا سوقۇلۇپ، ئۇنى پاچاقلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تىپتىكى L-21 بەلگىلىك جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراسىنىڭ مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھ بىلەن بولغان ئالاقىسى دەرھال ئۈزۈلگەن. ۋەقەدىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ ھەربىي قىسىملارغا "پارتىيىنىڭ قوماندانلىقىغا بوي سۇنۇش كېرەك" دەپ كەينى -كەينىدىن بىر نەچچە قېتىم بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا كۈرەش كەسكىنلەشكەن. بەزى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇلتۇر 5 ‏- ئايدا خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ چىڭداۋدىكى شەرقىي دېڭىز پىلوتى خۇ جىنتاۋ چۈشكەن ھەربىي پاراخوتقا ئوق چىقارغانلىقى ۋە بۇ قېتىم سۈنئىي ھەمراھنى ئېتىپ پارتلاتقان ۋەقە، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاسمانغا چىقىپ قىزىل بايراقنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تەشۋىقات مىنىستىىرلىقى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى "دۆلەت ئوبرازىنى ياخشىلاش" قا چاقىرغان

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرى ليۇ يۈنسەن 20 ‏- يانۋار كۈنى مەملىكەتلىك تەشۋىقات يىغىنىدا، كوممۇنىست پارتىيە دۇچ كەلگەن ئۈچ چوڭ كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەر قايسى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن ھازىرقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلايدىغان تەشۋىقاتلارنى تىز قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. بېيجىڭدىكى سىياسىي مۇلاھىزىچى ليۇ شاۋبو ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيا ھازىر جۇڭگودىكى گېزىتلەرگە قارىسا، ئۇنىڭدا "پارتىيىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قانداق ياخشىلاپ، دېموكراتىيىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقى"لا سۆزلىنىدۇ؛ ئەگەر كۆز تىكىپ جەمئىيەتكە قارىسا، ھەممىلا جايدا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا پارتىيە ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇلار ئىنتايىن ئېنىق كۆرۈنۈش. دۇنيادا ھازىر ئىزا تارتماستىن بىر پارتىيە مۇستەبىتلىكىنى تەرغىپ قىلىۋاتقان نومۇسسىز ھۆكۈمەت پەقەت جۇڭگولا بولسا كېرەك. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.