خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى بېيجىڭدىكى" ئىككى يىغىن" نىڭ ئاساسى كۈنتەرتىپىنى ئىگىلىشى مۇمكىن

0:00 / 0:00

كېلەر ئاينىڭ باشلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى شۇنداقلا بۇ يىل كۈزدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كومپارتىيە 17 - قۇرۇلتىيى، خىتايدا بۇ يىل ئىچىدە ئۆتكۈزىدىغان مۇھىم يىغىنلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ جاڭ زېمىندىن ھوقۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندا دۇچ كەلگەن ئەڭ جىددىي مەسىلە پارتىيە ئىچىدىكى ئۆكتىچىلىرىنىڭ قارشىلىقىنى يېڭىش، پارتىيە ۋە دۆلەتتىكى ئالىي رەھبەرلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش، ئارمىيىدىكى ئىمتىيازىنى تۇرغۇزۇش ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ يىل كۈزدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كومپارتىيىنىڭ 17- قۇرۇلتىيىدا خۇ جىنتاۋنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتتىكى ئالىي رەھبەرلىك ئورنى رەسمىي تىكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتايدىكى كەلگۈسىدىكى رەھبەرلىك يادروسى

"ئاسىيا ۋاقتى گېزىئىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەرباپلار 17 - قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىككى خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقىنى ۋە بۇ گۇرۇپپىلار خۇ جىنتاۋ تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلتاي سىياسىي دوكلاتىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىغا ۋېن جياباۋ يېتەكچىلىك قىلغان.

خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى زېڭ چىڭخۇڭ بولسا كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش شۇنداقلا قۇرۇلتاينىڭ سايلام گۇرۇپپىسىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان. كۆزەتكۈچىلەر، خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ ۋە زېڭ چىڭخۇڭلارنى كەلگۈسىدە خىتاينى سورايدىغان 3 كىشىلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، خۇ جىنتاۋ ئۆزىنىڭ شەخسى ئىدىيىسىنى پارتىيە ئىدېئولوگىيىسىگە ئايلاندۇرالىغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتتىكى ئالىي رەھبەرلىك ئورنى تىكلەنگەن بولىدۇ.

ئانالىزچىلار، خۇ جىنتاۋنىڭ ۋېن جياباۋنى قۇرۇلتاي سىياسىي دوكلاتىنى تۈزۈشكە يېتەكچى قىلىپ بەلگىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى بۇ يەردە بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا. زېڭ چىڭخۇڭنىڭ ۋەزىپىسى بولسا 38 سايلام رايونى ئىچىدىن پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ 2200 نەپەر ۋەكىلىنى سايلاپ چىقىشتۇر. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋاللار جاڭ زېمىن گۇرۇھىنىڭ ئادىمى، دەپ قارىلىۋاتقان زېڭ چىڭخۇڭ خۇ جىنتاۋنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرشكەنلىكىنى كۆرسىتەمدۇ ؟ دەپ ئانالىز قىلىشماقتا.

مۇتەخەسىسلەرنىڭ قاراشلىرى

خوڭكوڭدىكى ئوبزورچى لى گۇچىڭنىڭ رادىئومىزغا ئەسكەرتىشىچە، 17 - قۇرۇلتاي خۇ جىنتاۋنىڭ پارتىيە ئىچىدە ئۆز ئورنىنى تىكلىشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوبزورچى لى گۇچىڭ " خۇ جىنتاۋ چوقۇم 17 - قۇرۇلتايدا ئۆزىنىڭ 4 - ئەۋلات رەھبەرلىك ئورنىنى تىكلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ بۇنى قىلالمىسا، 18 - قۇرۇلتايدا تەختتىن چۈشۈشى مۇمكىن. ئۇنىڭ يېقىندا چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن ھېيتلىغاندا كىيىۋالغان كىيىمىنىڭ رەڭگى سىياسىي بيۇرودىكى باشقا ئەزالارنىڭ كىيىمىدىن پەرقلىنەتتى. ماڭغاندىمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى نامايەن قىلىشقا ئۇرۇنغان" دەيدۇ. لېكىن خوڭكوڭدىكى مەتبۇئاتلار بۇ ئەھۋالنى خۇ جىنتاۋ - ۋېن جياباۋ گۇرۇھى بىلەن جاڭ زېمىن گۇرۇھى ئارىسىدىكى كۈرەشنىڭ نەتىجىسى، دەپ ئانالىز قىلىشماقتا ۋە 17 - قۇرۇلتايدا زېڭ چىڭخۇڭنىڭ ئورنى كۈچىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئاسىيا ھەپتىلىك ژورنىلى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، زېڭ چىڭخۇڭ 2008 - يىلى جيا چىڭلىننىڭ ئورنىغا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولۇپ يۆتكىلىشى مۇمكىن. لېكىن رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بۇ يىل 1 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بەرگەن بىر خەۋىرىدە، زېڭ چىڭخۇڭ خۇ جىنتاۋنىڭ دۆلەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. "ئاسىيا ھەپتىلىك ژورنىلى" بۇ خىل ئېھتىماللىقنى چەتكە قاققان بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەر ئەرباپلار زېڭ چىڭخۇڭنىڭ 17 - قۇرۇلتايدا مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قاراشنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر، زېڭ چىڭخۇڭنىڭ 22 - يانۋار كۈنى خەلق سارىيىدا تايلاندنىڭ باش ھەربىي ئىدارە قىلغۇچى ئەمەلدارى گېنېرال سونتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ۋە زېڭ چىڭخۇڭنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بۇ قوبۇلنى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا مۇئاۋىن رەئىسى بولۇش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتىمىدۇ ؟ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)