خۇ جىنتاۋ ھازىر ئامېرىكىدا "دۆلەت باشلىقى" سۈپىتىدە نورمال قارشى ئېلىنمايۋاتقان بىر دۆلەت باشلىقى


2006.04.18
US_CHINA_BUSH_HU_21.jpg
2005- يىلى 13-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا پرېزىدەنتى بۇش خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن نيو-يوركتا. AFP

ئۆز مۇخبىرلىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۈگۈن 18 ‏- ئاپرىل كۈنى ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى سىياتۇل شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، خۇ جىنتاۋنىڭ ئالدىغا قارشى ئالىدىغان كىشىلەرلا ئەمەس، ئۇنىڭغا قارشى نامايىش قىلىدىغان كىشىلەرمۇ چىققان. قەھۋە ھېدى دېماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان بۇ سىياتۇل شەھىرىنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىغا ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن كىشىلەر توپلانغان. كانادانىڭ ئوتتاۋا شەھىرىدىن كەلگەن بۇ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، كانادادىن 100 گە يېقىن ئادەم بۇ شەھەرگە كەلگەن.

خۇ جىنتاۋ ئۆزىگە قارشى تۇرىدىغان ئاۋازلارنى ئاڭلاۋاتىدۇ

بۇ خانىم مۇخبىرنىڭ "خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ياكى خىتاي بىلەن سودىگەرلەرنىڭ مەنپەئەتىدە توقۇنۇش پەيدا بولغاندا، مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ دېگەن سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ "ئالدى بىلەن ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەقەللىي ئەخلاق ئۆلچىمىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر شۇنداق ئەقەللىي ئۆلچەمنىمۇ ساقلىيالمىسا، ئۇنداق ئادەم مەيلى ئىقتىساد بىلەن شۇغۇللانسۇن ياكى باشقا نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللانسۇن، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى ئاخىرقى ھېسابتا مۇۋەپپەقىيەت قازانمايدۇ" دېگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بەزى كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان مايكروسوفت، ياخۇ، سېسكو دېگەن چەتئەل شىركەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي كېلىشىم تۈزۈپ، بۇنداق ۋاستە ئارقىلىق خىتايدا ئىنتېرنېتنى توسۇپ خەلقنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلىنىمىز. بۇ قېتىممۇ خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىغا ناھايىتى كۆپ پۇلنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ، ئۆز -ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما خۇ جىنتاۋ ھازىر بۇ جەھەتتە ئۆزىگە قارشى تۇرىدىغان ئاۋازلارنى سياتۇلدا ئاڭلاۋاتىدۇ.

جورجى بۇش خىتاينى ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك سەپدىشى ياكى دوستى دەپ قارىمىدى

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا غەرب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ لىيۈ "خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك سەپدىشى، دېگەن ئاتالغۇ پرېزىدېنت كىلىنتون زامانىدا بولغان. ئەمما جورجى بۇش پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن، جەنۇبىي دېڭىزدا ئايرۇپىلان سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەردى، شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى مۇرەككەپلەشتى. پرېزىدېنت جورجى بۇش ئىدېئولوگىيە جەھەتتە كوممۇنىزمغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغان كىشى، شۇڭلاشقا بۇ دەۋىردە، جورجى بۇش خىتاينى ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك سەپدىشى ياكى دوستى دەپ قارىمىدى، بۇ ئېنىق. ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتى 2002 ‏- يىلىدىن باشلاپ ئازراق ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئەمما جورجى بۇش ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىنى تەسۋىرلىگەندە، پەقەت "ناھايىتى مۇرەككەپ مۇناسىۋەت" دېگەن گەپنى ئەڭ كۆپ تەكرارلاپ كەلدى. ئامېرىكا "سەپداش" ياكى ئىتتىپاقداش" دېگەن ئۇقۇمغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەت. بۇ زاماندا خىتاي ‏- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئەڭ كۆپ بولسا بىرخىل ناھايىتى سۇس ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ كەلدى، خالاس.

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ دالى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كۆزلىگەن مەنپەئەتلىرىنى ئوخشاش دېگىلى بولمايدۇ، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئەمەلىيەتتە سەپداشلىق ياكى ئىتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىدى. پەقەت بەزى جەھەتلەردە ھەمكارلاشتى.

خۇ جىنتاۋ ۋاشىنگتونغا ناھايىتى كۆپ سوغات ئېلىپ زىيارەتكە كەلدى

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى" دە "خۇ جىنتاۋ ۋاشىنگتونغا ناھايىتى كۆپ سوغات ئېلىپ زىيارەتكە كەلدى" سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، "گەرچە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي -ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيىلىك سەپداش" دەۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە خىتاي پەقەت ئامېرىكىنىڭ بىرخىل "ناھايىتى سۇس دوستى" بولۇپ كەلمەكتە" .

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە جۇڭگولۇقلار خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىنى دۆلەت زىيارىتى دەپ قارىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىلىقلار ئۇنداق قارىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىلىقلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىدە سودا ياكى بىخەتەرلىك جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىشنىڭ كەينىگە بىرخىل جىددىيلىك يۇشۇرۇنغان. شۇڭلاشقا خۇ جىنتاۋنى ھازىر ئامېرىكىدا ھەقىقىي رەۋىشتە بىر دۆلەت باشلىقى سۈپىتىدە قارشى ئېلىنمايۋاتقان بىردىنبىر دۆلەت باشلىقى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. گەرچە خۇ جىنتاۋ پەيشەنبە كۈنى ئاقسارايغا كەلگەندە، ئۇنى ئامېرىكىنىڭ 3 خىل قىسىم ئوركېستىرى قارشى ئالسىمۇ، ئەمما جورجى بۇش خۇ جىنتاۋ ئۈچۈن دۆلەت زىياپىتى بەرمەيدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن ؟ ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشنى باشتىن -ئاخىرى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئامېرىنىڭ شىمالىي كارولىنا شتاتىدا تۇرۇۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى جۇ شۆيۇئەن ئەپەندى يېڭى ئەسر جۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، ھازىر ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن خۇ جىنتاۋنى ھەقىقىي بىر دۆلەت رەھبىرى سۈپىتىدە قارشى ئالمايۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ "خۇ جىنتاۋ پەقەت دېڭ شاۋپىڭدىن ئىبارەت بىرلا ئاۋاز غا ئېرىشىپ دۆلەت رەئىسى بولغان كىشى. بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا خەلق سايلىمىغان دۆلەت باشلىقىنى قارشى ئالمايدىغان بىر قانۇن تىكلىشى كېرەك" دەپ بايان قىلغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.