خۇ جىنتاۋنىڭ ھىندىىستان زىيارىتىدە 1962- يىلىدىكى چېگرا ئۇرۇشىغا سەۋەبچى بولغان مەسىلە يەنە ئالدىنقى شەرت قىلىنىدىكەن
2006.11.10
'ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى' نىڭ 10 - نويابىر كۈنى يېڭى دېھلىدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ھىندىستاننى زىيارەت قىلىدۇ. خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى ھىندىستان زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودىنى يولغا قويۇش كېلىشىمى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىلىدۇ. خىتاي - ھىندىستان سودا سۆھبىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا، ھىندىستان تەرەپتە خىتاي مەبلىغىنىڭ كىرىش مىقدارىنى چەكلەش ياكى چەكلىمەسلىك ھەققىدە كەسكىن مۇنازىرە پەيدا بولغان. خىتاي تەرەپتە بولسا، ھىندىستاننىڭ ئارۇناگا شىتاتىنىڭ دائىرىسىدىكى داۋان رايونىنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى سودا كېلىشىمى ھەققىدىكى سۆھبەتنىڭ ئالدىنىقى شەرتى قىلىش بەلگىلەنگەن.
خىتاينىڭ شەرتىگە ھىندىستاننىڭ ماقول بولۇشى مۇمكىن ئەمەس
--- بۇ قېتىم خىتاي -ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەركىن سودىنى يولغا قويۇش سۆھبىتىدە، خىتاينىڭ داۋان رايونىنى قايتۇرۇپ ئېلىش شەرتىگە ھىندىستاننىڭ ماقول بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ---- دەپ بايان قىلىنىدۇ 'ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى'دە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە يەنە، بۇ ھىندىستاننىڭ زېمىنى، ھىمالايا تاغ تىزمىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى جەھەتتە ھىندىستان ئۈچۈن ئىنتايىن سەزگۈر جاي. ئەمما خىتاي داۋان رايونىنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى ئالدىنىقى شەرت قىلىپ بەلگىلىگەن. ئەگەر ھىندىستان بۇ ئالدىنقى شەرتكە كۆنۈپ، داۋان رايونىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرسە، خىتاي ئاندىن ھىندىستان بىلەن 1962 - يىلىدىكى خىتاي - ھىندىستان چېگرا ئۇرۇشىدا خىتاي كونترول قىلىۋالغان، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەۋە ئاقسايچىن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 38 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق چېگرا مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ماقۇل بولىدىكەن.
خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا تالاش-تارتىشى 1914 - يىلى باشلانغان
مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا تالاش-تارتىشى 1914 - يىلىدىكى ئەنگىلىيە-خىتاي-تېبەت ئۈچ تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان چېگرا سۆھبىتىىدە باشلانغان. بۇ سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 'مىكماخۇن سىزىقى'غا ئەنگىلىيە بىلەن تېبەت ئىمزا قويۇپ، پەقەت خىتايلا قارشى چىقىپ ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان. ئەينى ۋااقتتا پەقەت خىتايلا تېبەتنى ئىگىلىك ھوقۇقى بار دۆلەت ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ تەكىتلىگەن. بۇ مەسىلە شۇنىڭدىن كېيىن ھازىرغا قەدەر مەۋجۇت. ھىندىستان 1954 - يىلى مۇشۇ چېگرا سىزىقى بۇيىچە ئۆز تېررىتورىيىسىدە مەزكۇر جايدا ئالاھىدە رايون قۇردى. 1972 - يىلى بۇ ئالاھىدە رايوننى ئارۇناگا شىتاتى دەپ ئېلان قىلدى، 86 - يىلى بۇ شىتاتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك شىتاتقا ئۆرلەتتى. ھازىر ئارۇناگا شىتاتىنىڭ نوپۇسى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ. بۇ شىتاتتا تېبەتچە لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىنبا، كاڭبالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 82 خىل قەبىلە ياشايدۇ. بۇ قەبىلىلەرنىڭ بىر قىسمى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. يەنە بىر قىسمى بېرما تىپىغا كىرىدىغان ئاھالىلار خرىستان ۋە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھىندىستان ئادەتتە بۇ رايونغا كېلىدىغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى قاتتىق چەكلەيدۇ.
خىتاي -ھىندىستان دېپلوماتىيىسىدىكى سېككىم مەسىلىسى
خىتاي -ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى دەپ قارىلىدىغان يەنە ، سېككىم مەسىلىسى بار. سېككىم ئەسلىدە بىر مۇستەقىل دۆلەت ئىدى. بۇ دۆلەت 19 - ئەسردە ئەنگىلىيىنىڭ ھامىيسى بولۇپ قالغان. 1949 - يىلىدىن كېيىن ھىندىستاننىڭ ياردىمىدە مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. سېككىم 1975 - يىلىدىن كېيىن ھىندىستاننىڭ بىر شىتاتى بولغان. 2003 - يىلى ھىندىستان 1914 - يىلىدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ قارىماي كەلگەن تېبەتنى دالا لامانىڭ پوزىتسىيىسىگە ئاساسەن، خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ ئېتىراپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتايمۇ سېككىمنى مۇستەقىل دۆلەت ئىدى دېمەي ھىندىستاننىڭ بىر قىسىمى دېدى.
1962 - يىلىدىكى چېگرا ئۇرۇشىغا سەۋەبچى بىلغان مەسىلە يەنە ئوتتۇرىغا چىققان
11 - ئاينىڭ 20- كۈنى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ھىندىستاننى زىيارەت قىلىش ئالدىدا تۇرغاندا، 1962 - يىلىدىكى چېگرا ئۇرۇشىغا سەۋەبچى بولغان مەسىلە يەنە قايتىدىن تەكىتلىنىپ، ھەتتا خىتاي -ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنىڭمۇ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ بەلگىلىگەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغان يېڭى نەزىرىيىسى
- ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىمەكتە
- خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان زىيارىتىگە قارىتا ئىنكاسلار
- ئامېرىكىدا ۋەتەن قەھرىمانلىرىنى ئەسلەيدىغان 29 - ماي كۈنى ئۇيغۇرلار نېمىنى ئەسلىدى؟
- خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆز قىلدى
- ئاق ساراي ئالدىدا يۈز بەرگەن خۇ جىنتاۋغا قارشى ۋەقەلەر ۋە ئۇيغۇرچە كىيىنىپ قارشى ئېلىشلار
- جورج بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ ئاق ساراي ئالدىدا قىلغان سۆزلىرىدىن تەرمىلەر
- تۈرك مەتبۇئاتىدا خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى
- خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە
- خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىگە بولغان ئىنكاسلار