خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىگە بولغان ئىنكاسلار


2006.04.19
hujintao-bill-gates.jpg
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ Microsoft شىركىتىنىڭ ئىگىسى Bill Gates بىلەن ۋاشىنگتون شتاتىدا. AFP

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۈگۈن ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدىكى 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ قېتىمقى زىيارەت خۇ جىنتاۋنىڭ دۆلەت رەئىسى سۈپىتى بىلەن قىلغان تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ، ئامېرىكا پرىزىدېنتى جوج بۇش پەيشەنبە كۈنى يەنى20 ‏- ئاپرىل كۈنى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشمەكچى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت دۆلەت زىياپىتى بېرىش دەرىجىسىگە يەتمىگەن

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكا خەلقى بۇنداق قارىمىغان. چۈنكى ئامېرىكا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىغا يېتىپ كېلىشىدە، ئۇنىڭ سالاھىيىتىگە چۇشلۇق دۆلەت زىياپىتى ئۆتكۈزۈشنى ئويلىمىغان.

نيويوركتىكى "بېيجىڭ باھارى ژورنىلىنىڭ "تەھرىرى لى شياۋ خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىدە دۆلەت زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ "ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بەردى. دېمەك ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت خۇ جىنتاۋنىڭ دۆلەت زىياپىتىدىن بەھرىمان بولۇش دەرىجىسىگە يەتمىگەن" دەپ كۆرسەتتى:

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لى شياۋ سۆزىدە يەنە 1984 ‏- يىلى جاۋ زىياڭ خىتاي دۆلەت زوڭلىسى سۈپىتىدە ئامېرىكىغا كەلگەن چېغىدا دۆلەت زىياپىتى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ " بىر دۆلەتنىڭ رەئىسى بولغان خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىم دۆلەت زىياپىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن شۇنى بىلىۋالغىلى بولىدۇكى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت 1984 ‏- يىلىدىكىدىن كۆپ چېكىنگەن. ئامېرىكا بۇ قېتىم بۇ خىل پوزىتسىيە ئارقىلىق دۇنياغا بۇ ھەقتە ئېنىق سىگنال بەرگەن " دەپ كۆرسەتتى.

ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەپەندى "ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتە بېكىتكەن ئۆلچىمى بار. گەرچە تاشقى ئىشلار مۇناسىۋىتىدە بۇنى ئوچۇق ئاشكارا ئىپادىلىمىسىمۇ، ئامېرىكا ھەرگىزمۇ بىر مۇستەبىت دۆلەتكە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرگە ئوخشاش پوزىتسىيىدە بولالمايدۇ. ھەرگىزمۇ دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ رەئىسىنى قوبۇل قىلغاندەك ئەتراپلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەيدۇ" دەپ بىلدۈردى.

چىنكۈيدﯤ ئەپەندى سۆزىدە يەنە " ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆز پوزىتسىيىسىنى ئېنىق بىلدۈردى، يەنى ئىككى دۆلەتنىڭ مەيلى سودا جەھەتتە بولسۇن ياكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بولسۇن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىنتايىن نارازى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى" دەپ كۆرسەتتى.

كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا مەسىلىسى مۇھىم ئورۇندا

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن نېمىلەر ھەققىدە سۆھبەتتە بولىدىغانلىقى مەسىلىدە، بەزىلەر " ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىشىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇشى مۇمكىن" دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر " چوقۇم سىياسىي مەسىلىلەرنى ئاساسىي ئورۇنغا قويىدۇ" دەپ قارىماقتا. ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەپەندى "ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مەسىلىسى ئەلۋەتتە ناھايىتى مۇھىم، لېكىن سىياسىي مەسىلىلەر، بولۇپمۇ خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك، نەشرىيات ئەركىنلىكى ۋە سۆزلەش ئەركىنلىكى قاتارلىق سىياسىي مەسىلىلەر تېخىمۇ مۇھىم تېمىلار بولۇپ ھېسابلىنىشى مۇمكىن" دەپ بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئالدىدا، خەلقئارادىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا پرىزىدېنتى جوج بۇشقا ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكىنىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىئىنى تەلەپ قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوج بۇشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلغان.

ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەپەندى " خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىدە مەيلى سودا جەھەتتە بولسۇن ياكى سىياسىي جەھەتتە بولسۇن، چوقۇم نۇرغۇن ۋەدىلەرنى قىلىشى مۇمكىن. لېكىن بىز ئۇنىڭ بۇ ۋەدىلىرىگە بەكمۇ ئىشىنىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. چۈنكى خىتايدا چوڭ بىر ئۆزگىرىش يۈز بەرمەي تۇرۇپ، ھەرقانداق ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس " دەپ بىلدۈردى.(مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.