0:00 / 0:00
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۆتكەن ھەپتىدە ب د ت نىڭ نيو-يوركتىكى ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، يەنە كاناداغا قايتىپ، ۋانكوۋېر شەھىرىدە زىيارەتتە بولغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈپ، بۇنى خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى تالىشىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قەدىمى دەپ تەرپلەشتى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.