خۇ جىنتاۋ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى رۇسىيىدە زىيارەتتە بولماقچى
2005.06.10
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇ جىنتاۋ 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگە قەدەر رۇسىيىدە زىيارەتتە بولىدۇ. ئۇ رۇسىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.
نۆۋەتتە رۇسىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان خىتاينىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى زېڭ پېييەن جۈمە كۈنى رۇسىيىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ژۇكېف بىلەن ئۇچراشقاندا ،خۇ جىنتاۋنىڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلىرىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئىككى مۇئاۋىن مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشىدىكى مەقسىدىمۇ خۇ جىنتاۋنىڭ رۇسىيە زىيارىتى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.
زېڭ پېييەن بىر كۈن ئىلگىرى، پىتتىسبۇرگدا ئېچىلغان، 2 - نۆۋەتلىك خىتاي - رۇسىيە سودا ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتناشقان.
مۇئاۋىن مىنىستىر زېڭ پېييەننىڭ رۇسىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىدىن، رۇسىيە بىلەن خىتاي سودا مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.
مەتبۇئاتلاردا يەنە، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ يىل 5 - ئاينىڭ باشلىرى موسكۋادا ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن بولغان مەيدانىنىڭ بىردەكلىكىنى ئىپادىلىشى، شۇنىڭدەك 6 - ئاينىڭ ئاخىرى رۇسىيىنى تەكرار زىيارەت قىلىش پىلانى، ئېنېرگىيە ۋە سودا ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بەل باغلىشى، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەت مەنپەئەتىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان چوڭ تىپتىكى ھەمكارلىق تۈرلىرى بويىچە ئالاقە ئورنىتىشى ھەمدە بىر قاتار مۇھىم ھۆججەتلەرگە قول قويۇشى ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە، رۇسىيىنىڭ خىتاينى ئېلېكتىر ئېنىرگىيىسى بىلەن تەمىنلەش ھەققىدىكى كېلىشىمنى ئىمزالىشى قاتارلىقلار ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە سودا ھەمكارلىقىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.
مەتبۇئاتلاردا يەنە ، رۇسىيە بىلەن خىتاي سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىشتىن سىرت، خۇ جىنتاۋ بىلەن پۇتىننىڭ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، موسكۋادىكى كارنېي فوندى جەمئىيتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مىسىنوفنىڭ تەھلىل قىلىشىچە " رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ چېگرا ئىختىلاپلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر ئارىغا كېلىشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. ئىككى تەرەپ دۆلەت خادىملىرى بەرپا قىلىنغان مۇشۇ ئاساسقا تايىنىپ، ئوتتۇرىدا مەۋجۇت بولىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىكەن" .
مىسىنوف سۆزىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ : "خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھازىر خەلقئارا سەھنىدە مۇھىم سىياسىي كۈچكە ئايلاندى. شۇڭا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى دېگەن دائىرىدىن ھالقىغان بىر مۇناسىۋەتكە ئايلاندى. موسكۋا بىلەن بېيجىڭ، پۈتۈن يەر شارى ۋە رايونلار ئارا بىر - بىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلەلەمدۇ؟ بۇ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىغا باغلىق بىر مەسىلە بولۇپ قالدى". (ئەقىدە)