تۈرك مەتبۇئاتىدا خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى


2006.04.20

خىتاي رەئىس جۇمھۇرى ھۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىگە تۈركىيە مەتبۇئاتىدا كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلدى. تۈركىيىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتى بولغان مىللەت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدا، خىتاي رەئىس جۇمھۇرى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكى يېزىلغان. خۇ جىنتاۋنىڭ بۇش بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشىدا، ئىران مەسىلىسى، نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈپ بېرىۋاتقانلىقىغا ئوخشاش بىر يۇرۇش مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى يازغان.

خىتاينىڭ نېفىتكە بولغان تەلىپىنىڭ دۇنيادىكى نېفىت باھاسىنى ئوستۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇشنىڭ بۇ ھەقتە خىتاينى ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىنى يازغان. ماقالىدا يەنە ئەسلى پىلاندا جورج بۇشنىڭ خۇ جىنتاۋنىڭ شەرىپىگە ئاخشام زىياپىتى بېرىدىغان بولسىمۇ، بۇنى چۈشلۈك تاماك بېرىشكە ئۆزگەرتكەنلىكىنى يازغان.

خىتاي رەئىس جۇمھۇرى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى خىتاي تۈرك مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ ئۇيگۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنارمۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ھاجېتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ۋە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكۇلتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى ئوقۇغۇچىسى ئابدۇللاھ ئىسمائىل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.