خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆز قىلدى
2006.04.24
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 4 كۈنلۈك ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلانغان يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلغان ۋە مەزكۇر مەكتەپتە سۆز قىلغان.
خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىم يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا قىلغان سۆزىدە ئالدى بىلەن مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئاكادېمىيە جەھەتتە قازانغان نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ تەرەپمىلىك مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە توختالغان. بولۇپمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىشىش ۋە ئورتاق مەنپەئەت مەسىلىلىرى ھەققىدە توختىلىپ "مەنچە خىتاي ۋە ئامېرىكا دۇنيادا زور تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دۆلەت، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە نەزەر سالغاندا، ئەڭ مۇھىمى ستراتېگىيىلىك ۋە يىراقنى كۆزلەش نۇقتىسىدىن قاراش كېرەك" دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي ۋە كىشىلىك ھوقۇق
خۇ جىنتاۋ سۆزىدە يەنە خىتاي ئىچكى سىياسىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلىشىگە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ "بۈگۈنكى كۈندە بىر ئىنساننى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ، 'تەرەققىيات قىلىش خەلق ئۈچۈن، تەرەققىيات قىلىشتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىسى خەلققە مەنسۇپ' دېگەندەك پىرىنسىپلاردا چىق تۇرىۋاتىمىز. بىز ئىنسان قىممىتى، ئىنسان ھوقۇق ۋە مەنپەئەتى، ئىنسان ئەركىنلىكى قاتارلىقلارغا ئىنتايىن دىققەت قىلىمىز" دەپ بىلدۈرگەن.
زال سىرتىدىكى نامايىشلار
خۇ جىنتاۋ سۆز قىلغان جاي 600 كىشى پاتقۇدەك بىر يىغىن زالى بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتىدا نامايىش قىلىۋاتقان ۋە قارشى ئېلىشقا كەلگەن ئادەملەر سانى مەزكۇر زال ئىچىدىكىلەردىنمۇ كۆپ بولغان.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يىغىن زالى سىرتىدىكى نامايىشچىلار ئارىسىدىكى خۇڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە خىتايدا غايىپ بولغان فالۇنگۇڭچى ئىنىسى ئۈچۈن كېلىپ نامايىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ" مەن كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراۋاتقان ئىنىمغا ئوخشاش مىڭلىغان،ئون مىڭلىغان فالۇنگۇڭچىلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئىنىم خىتايدا ئىز -دېرەكسىز يوقاپ كەتكىلى 3 يىل بولدى. ئۇ يوقاپ كېتىشتىن بۇرۇن، ساقچىلار تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئۇنى ھەممىلا يەردە قوغلاپ يۈرگەن. مانا ھازىر 3 يىل بولدى، مەن ئىنىمنى تاپالماي يۈرۈمەن. مەن خۇ جىنتاۋنىڭ بارلىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورۇنلىرىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى، ھەمدە مەزكۇر جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دەپ بىلدۈردى.
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەر خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە نەقەدەر زور پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئاز - تولا بولسىمۇ ھېس قىلالىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاق ساراي ئالدىدا يۈز بەرگەن خۇ جىنتاۋغا قارشى ۋەقەلەر ۋە ئۇيغۇرچە كىيىنىپ قارشى ئېلىشلار
- جورج بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ ئاق ساراي ئالدىدا قىلغان سۆزلىرىدىن تەرمىلەر
- تۈرك مەتبۇئاتىدا خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى
- خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە
- خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىگە بولغان ئىنكاسلار
- خۇ جىنتاۋ ھازىر ئامېرىكىدا "دۆلەت باشلىقى" سۈپىتىدە نورمال قارشى ئېلىنمايۋاتقان بىر دۆلەت باشلىقى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى
- بۇنىڭدىن كېيىنكى ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتى بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا خەلقىغە ئۆزىنى قانداق تۇنۇتۇشىغا باغلىق
- خۇ جىنتاۋ كېلەر ئايدىن باشلاپ دەريا ۋە كۆللەردىكى سۇنى دېھقانلارغا ساتماقچى