0:00 / 0:00
دۇنيا ھۇنلار قۇرۇلتىيىنىڭ تەكلىپى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۇيغۇر ۋەكىللىرى رومانىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ھۇنلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقتى.
گېرمانىيىدىكى ئوبزورچىمىز پەرھاتمۇ بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ماڭغان بولۇپ، ئۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ماڭغان ئۈمىد ئاگايى ئەپەندى ۋە دۇنيا ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى يانىش ئەپەندى ئوبزورچىمىز پەرھاتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ھۇنلار قۇرۇلتىيى ۋە بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە توختالدى.
