ھۈسەنجان جىلىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىشى، تۈركىيىدىكى شەرقىي تۇركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى

0:00 / 0:00

كانادا پۇقراسى بولغان ھۈسەنجان جەلىلنىڭ ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۇپ بېرىلىشى تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۇركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ۋە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

شەرقىي تۈركسىتان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۇ خەۋەرنى ئالغاندىن كېيىن رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ نارازىلىقلىرىنى رادىئو ئارقىلىق ئاڭلىتىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۇركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۈسەنجان جەلىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلıشıغا بولغان ئىنكاسىنى بىلىشنى خالىسىڭىز ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.