ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى - كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى خىتاي ستراتېگىيىسى ئۈچۈن چوڭ سىناق


2007.01.22

Jim-Flaherty-150.jpg
كانادا مالىيە مىنىستىرى Jim Flaherty 2006 – يىلى 21 – ئاپرىل كۈنى ۋاشىنگتوندا. AFP

كانادادىكى چوڭ گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان "Global and Mail" يەنى "يەرشارى پوشتىسى" ناملىق گېزىتنىڭ 18-يانۋار كۈنىدىكى سانىدا "مىنىستىرلار قاماقتا تۇرىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى بىلەن داۋاملىق مەشغۇل بولىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى" سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە بۇ گېزىتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى Geoffrey York تەرىپىدىن يېزىلغان. Geoffrey York ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت شۇنداقلا مانجۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ھاياتى، سىياسى تەقدىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلارنى ئېلان قىلىپ، كانادا جامائىتىنى بۇ تېمىلاردا مەلۇماتقا ئىگە قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ: خىتاي بىلەن بولغان سودىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش يېڭىۋاشتىن تەكىتلىنىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، كانادا فېدېرال ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى نەپەر مىنىستىرى خىتاينىڭ قايسى جايىدا قامالغانلىقى نائېنىق بولىۋاتقان كانادالىق ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مەسىلىسى ئۈچۈن داۋاملىق كۆرەش قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. خەلقئارا سودا مىنىستىرى Dawid Emerson تۈنۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مەسىلە مالىيە مىنىستىرى Jim Flaherty تەرىپىدىنمۇ قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى، دەپ يازىدۇ.

كانادا ئەمەلدارلىرى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە بايانات بېرىشتە ئېھتىياتچان

ئاپتور ماقالىسىدا كانادا مالىيە مىنىستىرى Jim Flaherty نىڭ فەدەرال ھۆكۈمەتنىڭ كانادا پۇخراسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا "دوستانىلىق مەسئۇلىيىتى" بىلەن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئامما ئۇ "دوستانىلىق مەسئۇلىيىتى" دېگەن بۇ سۆزنى تىرناق ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ۋيېتنامدا كۆرۈشكەندە خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنداقلا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter MacKay خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بىلەن ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە مەخسۇس 4 قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بۇ كۆرۈشۈشلەرنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنمىغان، ئامما خىتاي تەرەپ بولسا، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى.

ماقالە ئاپتورى Geoffrey York خىتاينىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا ئۆزگۈرۈش بولغان بولمىغانلىقىنىڭ يەنىلا سىر بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: ھالبۇكى ئىككى مىنىستەر ئوخشاشلا ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە ئىزاھات ۋە چۈشەنچە بېرىشتە نىسبەتەن سۈكۈت ۋە ئېھتىياتچانلىق قىلدى. بىز بۇ مەسىلىنى ياندۇرۇپ-ياندۇرۇپ سورىساق بۇ ئىككى مىنىستەر بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. Jim Flaherty ئەپەندى بىز بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. مەن بۇنى قايتا ئوتتۇرىغا قويىمەن، دېيىش بىلەنلا بولدى قىلدى، دەپ يازىدۇ.

ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش بولغان بولمىغانلىقى يەنىلا ئېنىق ئەمەس

ماقالە ئاپتورى كانادا سودا مىنىستىرى Emerson نىڭمۇ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنىڭ Jim Flaherty بىلەن ئوخشاپ كەتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: "Dawid Emerson ئەپەندىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل كاتىپى Jennifer Chiu، Dawid Emerson ئەپەندىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىدە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە قانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقى ھەققىدە بايانات بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ ھەتتا Dawid Emerson نىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاشقا قايىل قىلالىغان، قىلالمىغانلىقى ھەققىدىمۇ توختالمىدى. بۇ كاتىپ پەقەتلا كانادانىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانا خادىملىرى داۋاملىق ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ ئارقىسىدا بولىدۇ، دەپ چۈشەندۈرۈش بەردى"، دەپ يازىدۇ.

Geoffrey York ماقالىسىدا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئالدىنقى يىلى ئۆزبېكىستان ساياھەتىدە قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە خىتايغا ئۆتكۈزۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تېررولۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلىنىپ، ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ. ئۇ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سالاھىيىتى ۋە خىتاينىڭ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن مەيدانىنى بايان قىلىپ:

"ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندى كانادادا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىغا ۋە كانادا پاسپورتىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئامما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ كانادا پۇقراسىلىق سالاھىيىتىنى رەت قىلماقتا. كانادا پۇقرالىرى خەلقئارا ئەھدىنامىلەر بويىچە قوغدىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئۇنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى"، دەپ يازىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلماقتا

ئۇ ماقالىسىدا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى، دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا تۇغۇلغانلىقى، ئۇنىڭ خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئاياق ئاستى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدا فېدېرال ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيىسىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە يېڭى سىناققا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ "ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ مەسىلىسى كانادا فەدەرال ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى خىتاي ستراتېگىيىسى ئۈچۈن ئاساسلىق سىناق بولۇپ قالىدۇ. بۇ ستراتېگىيە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئىختىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان"، دەپ يازىدۇ. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.