ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سوتى كانادا دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

0:00 / 0:00
Huseyin-Jilil.jpg
ھۈسەيىن جېلىل

خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر دىنىي زات ھۈسەيىن جېلىلنى 2 - فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە سوتلاشقا باشلىغاندا كانادانىڭ بېيجىڭ ئەلچىخانىسىدىكى دىپلوماتلار سوت مەيدانىدا ھازىر بولالمىدى. ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خانىمى كامىلە تىلەندىبايىۋانىڭ ئەسكەرتىشىچە، كانادا ئەلچىخانىسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن خىتايلار سوتنىڭ 2 - فېۋرال كۈنى ئېچىلىدىغانلىقىنى كانادا تەرەپكە ئۇقتۇرۇش قىلمىغان. نەتىجىدە كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ 6 سائەت داۋاملاشقان ئۆتكەن جۈمە كۈنكى سوتىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە ئادەم قاتناشتۇرالمىدى.

كانادا باش مىنىستىرىنىڭ غەزىپى قوزغالغان

كانادا "گلوب ۋە پوچتا" گېزىتى چارشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە، بۇ دېلودا كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ بىر چەتكە قايرىپ قويۇلغانلىقىنى ۋە بۇ كانادا كونسېرۋاتىپلار ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر گېزىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كانادا باش مىنىستىرى ستىپان خارپېر ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتېر ماككاي، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سوتلانغانلىقىنى سەيشەنبە كۈنى ئاڭلىغان ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كانادا ئەلچىخانىسى بىلەن ھەمكارلاشمىغانلىقىدىن نارازى بولغان.

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ۋەقەسى 2006 - يىلى كانادا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى دىپلوماتىك سۈركىلىشنىڭ مەركىزى نۇقتىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. باش مىنىستىر ستىپان خارپېر، شۇ يىلى نويابىردا ۋېيتنامدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى يوقلىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، " ئەگەر بىر كانادا پۇقراسى 3 - بىر دۆلەتتە تۇتۇلۇپ، خىتايدا تۈرمىگە سولانسا، بۇ كانادا ئۈچۈن جىددىي مەسىلە دېگەنلىكتۇر" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

لېكىن خۇ جىنتاۋ، ستىپان خارپېرنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان شۇنداقلا ھۈسەيىن جېلىلنى كانادا پۇقراسى، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى، خىتاينىڭ كانادا دىپلوماتلىرىنى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سوتىغا چاقىرمىغانلىقىغا كانادا دائىرىلىرىنىڭ جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان كانادا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، باش مىنىستىر ستىپان خارپېر، كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ ۋەقەگە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان شۇنداقلا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتېر ماككاينىڭ باياناتچىسى دان دۇگاس، مىنىستىرنىڭ ۋەقەگە "نارازى بولغانلىقىنى" ۋە كانادانىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "گلوب ۋە پوچتا" گېزىتىدىكى باياناتىدا، "خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا ئەلچىخانىسى بىلەن ھەمكارلاشمىدى. لېكىن بىز ھۈسەيىن جېلىلگە نېمە بولغانلىقىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرىمىز " دەيدۇ. دۇگان، باش مىنىستىر خارپېرنىڭ خاپا بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە باھا بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتېر ماككاينىڭ نارازى بولغانلىقى راست، دەپ كۆرسەتتى ۋە ئۇنىڭ ۋەقەنى سۈرۈشتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ جۈمە كۈنكى سوتىغا ئۇنىڭ ۋەتەندىكى ئاچىسى، چوڭ ئوغلى ۋە ئانىسى قاتارلىقلار بولۇپ ئائىلە جەمەتىدىكى 16 كىشى قاتناشقان. كامىلە خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھۈسەيىن جېلىل سوتتا تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبنامىسىنى رەت قىلغان بولۇپ، ئىقرارنامىنىڭ ئېغىر تەن جازاسى ئاستىدا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كامىلە، يولدىشىنىڭ سوتلانغانلىقىنى "ئۇياتسىزلارچە" ھەرىكەت، دەپ ئەيىبلىدى شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنى خەلقئارا قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى كانادا دائىرىلىرىنى جىددىلەشتۇردى

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بېيجىڭدىكى كانادا ئەلچىخانىسى پات يېقىندا ئۈرۈمچىگە دىپلوماتلىرىنى ئەۋەتمەكچى ۋە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلىسىدىكى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ سوتتا ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىنى ئىگىلىمەكچى ئىكەن. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مەمەت توختى، خىتايلار ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تۇغقانلىرىنى "كانادالىقلارغا ئۇچۇر بەرسەڭلار ئۆلتۈرۈۋېتىمىز، دەپ قورقۇتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سوت ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېچىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار دۈشەنبە كۈنگىچە كانادادىكى كېلىنىگە سوتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشتىن باش تارتقان.

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ۋەقەسى كانادا مەتبۇئاتلىرىدا زور غۇل - غۇلا قوزغىماقتا. " گلوب ۋە پوچتا " گېزىتى، ئۇنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى"ستىپان خارپېر دەۋرىدىكى ئەڭ چوڭ دىلولارنىڭ بىرىگە يېڭى بىر ئامىلنىڭ قوشۇلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە، دەپ يازدى.

سەيشەنبە كۈنى كانادا پارلامېنتىدا ھۈسەيىن جېلىل ۋەقەسى بەس مۇنازىرە قىلىندى. كانادا لىبېرال پارلامېنت ئەزاسى دان مىكتېيگ، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ "پەۋقۇلئاددە جىددىي" مەسىلە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا باش مىنىستىرنىڭ شەخسەن ئۆزىنىڭ خۇ جىنتاۋغا تېلېفون قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، "ئەگەر بۇ يەردە ئېيتىلغانلار راست بولسا، باش مىنىستىرنىڭ بىۋاستە خۇ جىنتاۋ بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى ئارتۇقچە ئەمەس " دەيدۇ.

كانادا كونسېرۋاتىپلار پارلامېنت ئەزاسى ھېلېنا گېئورگېس، كانادا پارلامېنتىدىكى لىبېراللارنى ستىپان خارپېر ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتاي - كانادا مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزدى " دەپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇ، "لبىراللار باش مىنىستىر ستىپان خارپېرنى بولۇپمۇ ئۇ، ھۈسەيىن جېلىلغا ئىگە چىققاندا شۇنداقلا خۇ جىنتاۋغا كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلىگەندە شىددەتلىك تەنقىدلىگەن ئىدى. ئەمدى ئۇلار نومۇس قىلىشى كېرەك " دەپ كۆرسەتتى. ستىپان خارپېر ئەينى چاغدا، كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ۋىجدانىنى پۇلنىڭ قۇدرىتىگە ساتمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئەركىن)