خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كانادادا ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدە نىمىلەرنى دېدى؟


2007.02.19

Huseyin-Jilil.jpg
كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جىلىل. ئۇ ھازىرغىچە خىتاي تۈرمىسىدە .

ئالدىنقى ھەپتىدە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىش ئۈچۈن كانادا كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى خې يافېينىڭ كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن، كانادا مەتبۇئاتلارغا قىلغان سۆزلىرى كانادا جامائىتىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماستىن، كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter MacKay نىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا ئۇچرىغانىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى شىمالى ئامېرىكا ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىر بولغان خې يافېي ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە زادى نىمىلەرنى دېدى؟

Global and Mail گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە كانادا ھۆكۈمىتىنى خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشنى توختىتىشقا قايىل قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە كاناداغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن خې يافېي، CTW تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بىر نەپەر مۇئاۋىن مىنىستەر بىلەن ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ۋە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئەسلى ئىسمىنىڭ ھۈسەيىن ئەمەس، بەلكى ھۈسەنجان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: "ھۈسەنجان ئەپەندىنىڭ خىتايچە ئىسمى بار. سىلەر تىلغا ئېلىۋاتقان ئىسىم بولسا، ئۇ خىتايدىن قانۇنسىز ئايرىلغان ۋە باشقا دۆلەتكە قانۇنسىز كىرگەندىن كېيىن ئىشلەتكەن ئىسىمدۇر"، دېدى.

شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلەر ئۈچۈن توزاق

ئۇ، خىتايدا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىنىڭ "شەرقى تۈركىستان ئىسلامى ھەركىتى"، دېگەن تەشكىلاتقا باغلىنىپ جازالىنىۋاتقانلىقىغا ئوخشاشلا، ھۈسەيىن جېلىلنىمۇ ئىسمى بار، ئامما جىسمى يوق بۇ تەشكىلاتقا چېتىشقا ئۇرۇنۇپ: "ھۈسەنجان ئەپەندى تېررور گۇماندارى. ئۇ تېررورچى تەشكىلات بولغان ‘شەرقى تۈركىستان ئىسلامى ھەركىتى’ نىڭ غوللۇق ئەزاسى. بۇ تەشكىلات خەۋىپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تېررورچى تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن"، دېدى. ئۇ، تېلېۋىزىيە مۇخبىرىنىڭ مۇستەقىلچى گۇرۇپپىلار ئادەتتە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدۇ، دېگەن سۆزىگە ئىزاھات بېرىپ: "ئۇ مۇستەققىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان تەشكىلات ئەمەس، بەلكى تېررورچى تەشكىلات. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۈسەنجان ئەپەندى كانادا پۇقراسى بولۇشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئۈستىدىن خەلقئارا ساقچى، يەنى ئىنتېرپول تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان"، دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرماقتا

ئۇ تېلازىيە مۇخبىرىنىڭ نىمە ئۈچۈن كانادا پۇقراسى بولغان ھۈسەيىن جېلىل خىتايدا سوت قىلىدۇ ۋە كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ سوتقا قاتنىشىشى رەت قىلىنىدۇ، دېگەن سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ: "خىتاي ھۆكۈمىتى قوش دۆلەت پۇقرالىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بىز ئۇنى خىتاي پۇقراسى دەپ بىلىمىز. بۇ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ھۈسەنجان ئەپەندى ھەققىدىكى سوتقا كانادا دائىرلىرىنىڭ قاتناشىشىنى قوبۇل قىلماسلىقىدىكى ئاساسى سەۋەپ بۇ" دېدى.

خې يافېي ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدىكى سوتنىڭ قانۇنى تەرتىپلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ۋە ھۈسەيىن جېلىلغا ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ: "فېۋرالنىڭ 2-كۈنى شىنجاڭدىكى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۇچۇق سوت ئۆتكۈزۈلدى. ئەيىبلەنگۈچىگە سوت جەريانىدا ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىش پۇرسىتى بېرىلدى. ئادۋۇكاتنىڭ ئىسمى ھامۇت. يەرلىك ئادۋۇكاتلاردىن. ئۇنىڭدىن باشقا ھۈسەنجان ئەپەندىنىڭ 18 نەپەر ئۇرۇغ-تۇغقىنى بۇ سوتقا سىرتتىن ئاڭلىغۇچى سۈپىتىدە قاتناشتى. سوتنىڭ ئومۇمى تەرتىپى قانۇنغا ئۇيغۇن. كانادا بىلەن خىتاي قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدۇ. سوت جەريانى قانۇنلۇق بولغانىكەن، ھەرقانداق ئادەم بۇ سوتقا مۇداخىلە قىلالمايدۇ"، دېدى.

تېلېۋىزىيە مۇخبىرى سۆھبەت جەريانىدا خې يافېيغا كانادا پارلامېنتىدا ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە ئېلىپ بېرىلغان كەسكىن مۇنازىرىنى يەنى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ باش مىنىستەر Stephen Harper غا، كانادا پۇقراسى نىمە ئۈچۈن خىتاينىڭ تۈرمىسىدىن تېخىچە قۇتۇلدۇرۇلمايدۇ، دەپ بېسىم قىلىۋاتقان نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئامما خې يافېي ھۈسەيىن جېلىلنىڭ دېلوسىغا باشقىلارنىڭ قول تىقالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: "بۇ دىلو خىتاينىڭ ئىشكى ئىشى. چۈنكى ھۈسەنجان ئەپەندى خىتاي پۇقراسى. بۇ دىلو كىشىلىك ھوقۇق دېلوسى ئەمەس. ھەرقانداق جىنايى قىلمىش قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى كېرەك. بىز تېررورلۇق ھۇجۇمىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بولىمىز"، دېدى.

خې يافېي: كانادا ھۈسەنجان مەسىلىسىدەك يوقىلاڭ ئىشلارغا ئېسىلىۋالماسلىقى كېرەك

ئۇ بۇ زىيارەت جەريانىدا كانادانىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى غەرب دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، كانادانىڭ يوقىلاڭ ۋە ئۇششاق مەسىلىلەرگە ئېسىلىۋالماي، خىتاي بىلەن بولغان سودىنى راۋاجلاندۇرىشى كېرەكلىكىنى ۋە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ كانادا خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق تەرەققىياتىغا سەلبى تەسىر كۆرسەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇنى باشتىن ئاخىر ھۈسەنجان ئەپەندى، دەپ ئاتىدى.

خەيافېي Gbobl And Mail گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بولسا: "Harper ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى داۋاملىق ئاشكارا تەنقىت قىلىشى كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە سىياسى مۇناسىۋەتلەرگە ئېغىر زىيان بېرىدۇ، ئۇنىڭسىزمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە ياخشى ئەمەس"، دېدى. ئۇ سۆزىدە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قاماقتىكى مەزگىلىدە ئېغىر قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنى تىرىك كۆمۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تەھدىت قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بولسا رەت قىلدى.

خې يافېي: خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەنجان ئەپەندىگە ئۆلۈم جازاسى بەرمەيدۇ

ئۇ يەنە ھۈسەيىن جېلىلغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بېرىپ: "بىز ھۈسەنجان ئەپەندىنى ئۆزبېكىستاندىن ئالغىنىمىزدا ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەيدىغانلىقىمىز ھەققىدە كاپالەت بەرگەنىدۇق. بىزنىڭ بۇ ۋەدىمىز يەنىلا كۈچكە ئىگە"، دېدى. ئۇ ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدىكى سوتنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ھەققىدە كانادا دائىرلىرىغا مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: "بۇ مەسىلە بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز بولغاچقا، كاناداغا مەلۇمات بېرىش مەجبۇرىيىتىمىز يوق. ئامما ھۆرمەت يۈزىسىدىن مەن كانادانىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىغا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىمەن"، دېدى . ئۇ سۆزىدە يەنە ئىككى يىل ئىلگىرى ئىمزالانغان ۋە كانادا تەرەپتىن ئارقىغا سوزۇپ كەلگەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ھەققىدە خىتاي تەرەپنىڭ پات ئارىدا سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە كانادانىڭ خىتاينى ئەيىبلەشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ھەققىدىكى سۈكۈتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇ ھەققىدە تەشۋىقات ھۇجۇمىنى باشلىغاندەك قىلىدۇ. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ھۈسەيىن جېلىلنى تېررورىست دەپ ئەيىبلەيدىغان ماقالىلار كۆپىيىشكە باشلىدى. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.