كانادا ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشى كېرەك

0:00 / 0:00
Huseyin-Jilil.jpg
ھۈسەيىن جېلىل

كانادادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگىنى بولغان Angus Reid ناملىق ستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ خىتايدا ئاتالمىش تېررورلۇق جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە، كانادانىڭ ھەرقايسى شىتاتلىرىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، 53% كانادالىق، ھۈسەيىن جېلىل دېلوسىدا مەسىلىدە كانادا ھۆكۈمىتى ئەنئەنىۋى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەك، دەپ قارايدىكەن. 21% كانادالىق بولسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن تەقدىردىمۇ، كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھەرىكتىنى ئاشكارا ئەيىبلىشى لازىم، دەپ قارىغان. پەقەت رايىنى سىناش پائالىيىتىگە قاتناشقان 12% كىشىلا خىتاي ئەدلىيە سىستېمىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشىغا يول قويۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

كانادا جامائىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىغا دىققەت قىلىدۇ

ئالدىنقى ھەپتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى "كونسۇل ئەھدىنامىسى" نىڭ ھۈسەيىن جېلىل دېلوسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى خې يافېي "ئوتتاۋا بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى داۋاملىق ئاشكارا تەنقىت قىلسا ۋە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقرالىقىدىن ۋاز كەچمىسە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا-ئىختىسادىي مۇناسىۋەتلەر زىيانغا ئۇچرايدۇ"، دەپ كانادانى ئاگاھلاندۇرغان. كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper بولسا بۇلارغا جاۋابەن "كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىسىدا غايەت زور قىزىل رەقەم كۆرۈلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادا بىلەن ئادىل سودا ئېلىپ بېرىشى خىتاينىڭ ئۆزىگە پايدىلىق، ئەگەر ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋەتلىرى زىيان ئۇچرىسا، زىياننىڭ ئەڭ چوڭىنى خىتاينىڭ ئۆزى تارتىدۇ. كانادا ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى كېڭەيتىش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، بولۇپمۇ كانادا پۇقراسىنىڭ ھوقۇق- مەنپەتىنى مۇداپىئە قىلىشنى ئاساسى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ، خىتاي بىلەن سودا قىلىدۇ، دېگەنىدى.

بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان 72 % كانادالىق كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك سىياسەتتە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۆپ تەكىتلىشى كېرەك. خىتاي بىلەن بولغان ئىختىسادىي مۇناسىۋەت كانادا ئۈچۈن ئانچە مۇھىم ئەمەس، دەپ قارىغان. پەقەت 28% كىشىلا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كانادا ئۈچۈن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئىسمائىل سەمەتنىڭ ئۆلۈمى كانادالىقلارنى ئەندىشىگە سالدى

دۇنيا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى قاراملىق بىلەن دەپسەندە قىلىشىغا ئىنكاسسىز قالماقتا. خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان قانۇن سېستىمىسىگە باھا بېرىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ئىدى. بېيجىڭ 2008-يىلىدىكى ئولىمپىكقا ھازىرلىنىۋاتقان مۇنداق پەيتتە، كانادا كانادا پۇقراسىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقى كېرەك.

كانادا 1989-يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن "تيەنئەنمەن قىرغىنچىلىقى" دىن كېيىن، غەرب دۆلەتلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى باشلىغانىدى. شۇنىڭدىن بەرى كانادا خىتاي دائىرلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلىپلا قالماستىن، ئازسانلىق مىللەت ھېسابلانغان ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىنىمۇ تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتايدىكى ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان 8 مىليون ئۇيغۇرنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكى تەكىتلەڭەن Global and Mail گېزىتىدىكى "ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندى مەسىلىسى" ناملىق باش ماقالىدا "خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسى، دىنىي ۋە مەدەنىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن. ھۈسەيىن جېلىل تېررولۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشتى دەپ ئەيىبلەنگىنىگە ئوخشاش، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان جازالار 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى خىتايدا ئومۇمى يۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلاندى. خىتاي دائىرلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىگە ئۆلۇم جازاسى بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىشىنىمۇ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا يەنىلا غەلىبە دەپ قاراشقا بولىدۇ، دەپ يېزىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ گېزىت خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىسمائىل سەمەتكە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ھۈسەيىن جېلىل بىلەن ئوخشاش خاراكتېردىكى جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىسمائىل سەمەتنىڭ خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن ئەتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى، كانادالىقلارنىڭ ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

2008-يىلىدىكى ئولىمپىك خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنىڭ پۇرسىتى

بۇ باش ماقالىدا يەنە كانادانىڭ خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا كۆز تىكىۋاتقان نازۇك بىر پەيتنى چىڭ تۇتۇشى كېرەكلىكى تەكىتلىنىپ:

"دۇنيا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى قاراملىق بىلەن دەپسەندە قىلىشىغا ئىنكاسسىز قالماقتا. خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان قانۇن سېستىمىسىگە باھا بېرىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ئىدى. بېيجىڭ 2008-يىلىدىكى ئولىمپىكقا ھازىرلىنىۋاتقان مۇنداق پەيتتە، كانادا كانادا پۇقراسىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقى كېرەك"، دەپ يېزىلىدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆسەيىن جېلىلنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئۆزگەرگىنى يوق

نۆۋەتتە كانادا بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان توقۇنۇش تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشمەكتە. كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقاسى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ خىتاي پۇقاسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قارىشىنى تەكىتلىمەكتە، ھەتتا كانادادىن ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقالىقى سالاھىيىتىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ تالاش-تارتىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى جىددى بىر كىرىزىسكە ئېلىپ كىرمەكتە.

كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper، كانادا پارلامېنتىدىكى مۇنازىرىدە ھۇسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقالىقى سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: "ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىدىكى مەيدانى باشتىن ئاخىر ناھايىتى ئېنىق. بىز بۇ ھەقتىكى مەيدانىمىزنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتا –قايتا بىلدۈرىۋاتىمىز" ، دېدى.

خىتاي ئاساسى قانۇنىدا خىتاي پۇقرالىرى ئىككىنچى بىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتسە، ئۇنىڭ خىتاي پۇقرالىقى سالاھىيىتىدىن مەھرۇم بولىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئامما ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى بىلەن كاناداغا كەلگەن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىر ياردەمچىسى "خىتاي ھۆكۈمىتى قوش دۆلەت پۇقرالىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ھۈسەنجان ئەپەندىنى خىتاي پۇقراسى، دەپ تونۇيدۇ. ئۇ كانادا پۇقراسى بولۇشتىن ئىلگىرى جىنايەت سادىر قىلغان"، دەيدۇ.

خىتاي كانادا بىلەن تۈزگەن ئەھدىنامىغا خىلاپلىق قىلدى

كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 1997-يىلى ئىمزالانغان "كونسۇل ئەھدىنامىسى" دە كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن سابىق خىتاي پۇقرالىرى كانادا پاسپورتى بىلەن خىتاينى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، ئۇلارنىڭ قەيەردە تۇغۇلىشىدىن قەتئىي نەزەر، كانادا پۇقراسى مۇئامىلىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، دېيىلگەن. ھۈسەيىن جېلىل كانادا پاسپورتى بىلەن ئۆزبەكىستاننى زىيارەت قىلغاندا، ئۆزبېك دائىرلىرى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنىدى.

كانادا ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشى كېرەك

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە Stephen Harper نىڭ خىتايغا تۇتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى تەنقىت قىلىپ كەلگەن كانادادىكى 4-چوڭ پارتىيىنىڭ رەھبىرى Jack Layton Globe And Mail گېزىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىدە:" خىتاي دائىرلىرى پۇقرايىمىز بولغان ھۈسەيىن ئەپەندىنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرسا ۋە ئۇنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقى راست بولسا، بىز خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى، تاكى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ياخشىلانغانغا قەدەر چەكلىشىمىز كېرەك"، دېدى.

Globe and Mail گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "باش ئەلچىنى قوغلاپ چىقىرىش" ناملىق خەتتە بولسا "كانادا پۇقراسى چەت دۆلەتتە ئەسىر سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. خىتاينى ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىگە ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا ئۈندەش بىلەن ئۇنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ. كانادا ھۆكۈمىتى قاتتىقراق ۋاستىنى قوللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باش ئەلچىسىنى كانادادىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەك"، دىيىلىدۇ. (كامىل تۇرسۇن)