
ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاساسى قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى پروفېسسورى Errol P. Mendes كانادادا چىقىدىغان Toronto star يەنى "تورونتويۇلتۇزى" گېزىتىنىڭ 5-مارت كۈنىدىكى سانىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ھەركەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. Errol P. Mendes ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ:
"باش مىنىستەر Stephen Harper كانادانىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە باشلانغان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سوتىغا قاتناشتۇرۇلمىغانلىقىغا جىددى پوزىتسىيە بىلدۈردى. كانادالىقلار بۇ سوتنى ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئەمەس، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ئارقىلىق خەۋەر تاپتى. سوتقا قاتناشقان ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۇرۇغ - تۇغقانلىرى ئۇنىڭ ئاتالمىش تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن باشلانغانلىقىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن قىيىن-قىستاق قىلىنغانلىقى ۋە ئاتالمىش جىنايەتلەرگە قول قويمىسا تىرىك كۆمىۋىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى".
ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدىكى سوت شەكىل ئۈچۈنلا ئۆتكۈزۈلدى
پروفېسسور Errol Mendes ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ كانادادا جىددى بىر مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە دىكتاتورلىقىدىكى خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارنى ئاياق - ئاستى قىلىۋاتقان شارائىتتا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ كانادا ئۈچۈن ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: "گەرچە كانادانىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىدىكى خادىملار باش مىنىستىرىنىڭ يوليورۇقى بويىچە ئىش قىلغان تەقدىردىمۇ، ئامما ئۇلار بۇ قىيىن-قىستاق ۋە زورلۇق ۋاسىتىلار بىلەن ئىقرار قىلدۇرۇلغان، شۇنداقلا شەكىل ئۈچۈنلا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سوتنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتەلىشى ناتايىن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقرالىق سالاھىيىتىنى رەت قىلىشى، شۇنداقلا خەلقئارا قانۇنلاردىكى مەجبۇرىيىتىنى قايرىپ قۇيۇپ، كانادا كونسۇلاخانا خادىملىرىنىڭ ئۇنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويماسلىقى ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس. باش مىنىستىر Stephen Harper پەقەت خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا بىۋاستە مۇداخىلە قىلغاندىلا ئاندىن ھۇسەيىن جېلىلنىڭ قاراڭغۇ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتەلىشى مۈمكىن ئەگەردە Stephen Harperنىڭ مۇداخىلىسى يەتەرلىك بولمىغان تەقدىردىمۇ، خىتاي كانادا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك، دەپ يازىدۇ.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كرىزىسنىڭ باشلىنىشى
ئاپتور ماقالىدا ۋيېتنامدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىختىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن Stephen Harperنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ سوغۇق بىر ئاتموسفېرادا ئەمەلىيلەشكەنلىنى، بۇنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ئۈچۈن ياخشى بىشارەت بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: "ئالدىنقى يىلى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىختىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا خۇ جىنتاۋنىڭ Stephen Harperنىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلىشى كانادا بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كرىزىسكە ئېلىپ باردى. بۇ ۋەقە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش بولمىدى. ئاخىرى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى 15 مىنۇتلا غەيرى رەسمىي كۆرۈشكەن بولسىمۇ، ھەر ئىككىلا تەرەپ بۇ كۆرۈشۈشتىن رازى بولمىدى. Stephen Harperنىڭ كانادانىڭ ئۆز قىممەت قارىشى بولغان دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دوللارغا ساتمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىپ بەردى"، دەپ يازىدۇ.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، Stephen Harperنىڭ بۇ كۆرۈشۈشتە كىشىلىك ھوقۇق ۋە كانادا پۇقراسى بولغان ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغانلىقى خۇ جىنتاۋنى خاپا قىلغان ۋە ئۇ كۆرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. كېيىن كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى بىلەن بۇ كۆرۈشۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئامما بۇ كۆرۈشۈشنىڭ دىپلوماتىك دەرىجىسىنى تۆۋەن چۈشۈرۈلگەن.
كانادا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ
پروفېسسور Errol Mendes ماقالىسىدە ئازسانلىق مىللەت دەپ قارالغان تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ كانادا ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: "Harperنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىللىرىنى تەكىتلىشى كۆپلىگەن كانادالىقلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. شۇنداقلا كۆپ سانلىق كانادالىقلار يەنە ھەرقانداق نازۇك ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنىڭ مەخسىتىنىڭ خىتايدىكى كۆپ سانلىق مىللەت بولغان خىتايلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى تىبەت ۋە باشقا ئازسانلىق مىللەت ئاپتونوم رايۇنلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق بولۇشىنى قوللايدۇ"، دەپ يازىدۇ.
كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇقلۇق ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە سەلبى تەسىر قىلدى
ئاپتور ماقالىسىدا كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە سەلبى تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ:
"ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ تۈگۈنى كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ يوقۇرى قاتلىمىدىكى رەھبەرلەرنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى داۋاملىق قاتتىق تەنقىت قىلىشى ۋە بەزى نوپۇزلۇق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter MacKay نىڭ خىتاينىڭ كانادادىكى باش ئەلچىسىنىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلىشى ۋە بۇلتۇر كۈز ئايلىرىغا قەدەر ئىشكى كابېنت ئەزالىرىنىڭ سودىدىكى ئىككىنچى چوڭ شېرىكى بولغان خىتاينى زىيارەت قىلمىغانلىقى قاتارلارنى ساناشقا بولىدۇ، دەيدۇ.
كانادا مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا خىتاينى قايىل قىلىش كېرەك
كىشىلىك ھوقۇق پروفېسسورى بولغان Errol P. Mendes ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدا ئەتراپلىق ھەركەت ۋە تەدبىرلەر ئېلىپ بېرىلىشى، بولۇپمۇ كانادانىڭ دېموكراتىيىلىشىش مەسىلىسىدە خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: "دۇنيادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى ئاشكارا چاقىرىشى، بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ھۈسەيىن جېلىلغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارىتا، نارازىلىق سادالىرىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشى، كانادانىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە سودا ساھەسىدىكى زاتلار خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلارغا دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىنى بىر مۇھىم شەرت قىلىپ قوشۇش كېرەك. بۇ شەرتلەر ئىختىسادى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، سودا ۋە تىجارى مۇناسىۋەتلەرنى كېڭەيتىشنىڭ دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق سېستىمىسى بەرپا قىلىش بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىغا يەنى قانۇن بىلەن دۆلەتنى باشقۇرۇش، ھەرقانداق زورلۇق ۋە قىيىن-قىستاق يولى بىلەن ئىقرار قىلدۇرۇشنى رەت قىلىدىغان، كەسىپلەشكەن مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىشقا خىتاينى قايىل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دىپلوماتىك ۋە يوقۇرى دەرىجىلىك ئالاقىلىشىش يولى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇنداق بولغاندا دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى سودا ئۈچۈن قۇربان قىلىش، شۇنداقلا سودا بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىككىسىدىن بىرنى تاللاش مەسىلىسى مەۋجۇت بولمايدۇ".
خىتاي مىللى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق ھەرىكەتلەر، دەپ قارايدۇ
ماقالە ئاپتورى ماقالىسىدا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خەلقئارا قانۇنلار تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: "ھازىر خىتاي كوممۇنىست دائىرلىرىنىڭ خەلققە بولغان كونتروللۇقنى يوقىتىپ قۇيۇش ئەندىشىسى بىلەن، ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلماقتا. كانادالىقلار خىتاينىڭ ھۈسەيىن جېلىلغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇنىڭ ئوخشاش مەسىلىلەردە كانادادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار نارازىلىق ھەركەتلىرىنى كۈچەيتىشى ۋە ساداسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشى، ئامما بۇ مەسىلىدە كانادانىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى يەنى باش مىنىستىردىن تارتىپ ئىشكى كابېنت ئەزالىرى ۋە پارلامېنت سېكرېتارلىرىغىچە تەمكىن ۋە سالماق بولىشى كېرەك. ئامما ئۇلار خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا نىمە ئۈچۈن ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىغا، ئوخشاش بولمىغان سىياسى كۆزقاراشتىكىلەر ۋە مىللى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى دۆلەتكە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان، تېررورلۇق ھەرىكەتلەر، دەپ قارايدىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، دەپ ئەسكەرتىدۇ. (كامىل تۇرسۇن)