
كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۆزبەكىستاندا قولغا ئەلىنغىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى. ئۇ بۇلتۇر 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆزبېك دائىرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 3 ئايغا يېقىن تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن يەنى، تەخمىنەن ئىيۇل ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنىدى. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقىغا 10 ئاي بولۇپ قالدى. لېكىن ئۇنىڭ قايسى كۈنى ۋە قانداق شەكىلدە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى يەنىلا بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كونسۇل تەرىپىدىن قوغدىلىش ھوقۇقىنى رەت قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە كاناداغا مەلۇمات بېرىشتىن باش تارتىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، كانادا ھۆكۈمىتى ئۇرۈمچىدە ئېچىلغان سوتنى ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق خەۋەر تاپتى. بۇ سوتتىن كېيىن كانادا ھۆكۈمىتى ئىككى نەپەر دىپلوماتنى ئۇرۈمچىگە ئەۋەتتى. لېكىن ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق سوتنىڭ ئېچىلغان ئېچىلمىغانلىقى ياكى قاچان ئېچىلىدىغانلىقى يەنىلا ئېنىقسىز. ئېنىق بولغان نەرسە شۇكى، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىنىڭ كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان سەلبى تەسىرىدۇر. كانادانىڭ ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندى ھەققىدىكى دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىدىن بىرەر نەتىجە بارمۇ؟
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ كاتىپى، ئىشكى كابىنېت ۋە پارلامېنت ئەزاسى Helena Guergis كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن سۇئاللارغا جاۋاپ بەردى.
- سىزنىڭمۇ خەۋرىڭىز بولسا كېرەك، باش مىنىستىرىمىز Stephen Harper ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. تەبىئى ھالدا بىزمۇ بۇ مەسىلىنى خىتاي بىلەن بولغان ھەر دەرىجىلىك دىپلوماتىك ئالاقىلاردا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز. Stephen Harper بۇ مەسىلىنى خىتاي دۆلەت رەئىسى بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئامما خىتاي دائىرلىرى ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى ۋە دىپلوماتلىرىمىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتى بىزنىڭ قانۇنلىرىمىز بىلەنلا ئەمەس بەلكى، خەلقئارا قانۇنلاردىكى مەجبۇرىيەت بويىچە بېرىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا قانۇنلارنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.
- نېمە ئۈچۈن كانادا دىپلوماتلىرى ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدىكى سوتتا نەق مەيداندا بولمىدى؟
- دىپلوماتلىرىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى. بىزنىڭ خادىملىرىمىز خىتاي دائىرلىرى بىلەن ھەر كۈنى ئالاقە قىلدى، ئامما ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ ئەھۋالى ۋە ھەتتا ئۇنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سوتتىنمۇ بىزنى خەۋەردار قىلمىدى. بىز ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ قىيىن-قىستاق قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قىيىن-قىستاقنى چەكلەيدىغان قانۇنغا قول قويغانلىقىدىن خەۋرىمىز بار. شۇڭا ئۇنىڭ ب د ت ئالدىدىكى بۇ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
- خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنى تېررورچىلىقتا ئەيىپلىمەكتە. كانادا بۇ ھەقتىكى ئەيىپلەشلەرنى تەكشۈردىمۇ؟
- مەن ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندى دىلوسىنىڭ ئىچكى تەپسىلاتلىرىغا كىرمەيمەن. كانادانىڭ مەخپىيەت قانۇنى بۇنداق قىلىشىمغا يول قويمايدۇ. ئامما مەن دىپلوماتلىرىمىزنىڭ ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندى تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرەلەيمەن. ئۇ يەردە دىپلوماتلىرىمىز ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇلار ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇنى كونسۇل مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشماقتا. چۈنكى ئۇ كانادا پۇقراسى. ئامما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ھۆكۈمەت دائىرلىرى كانادالىق خادىملار بىلەن بولغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەمكارلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا.
- خىتاينىڭ كانادانى زىيارەت قىلغان ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەگەر كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى داۋاملىق ئاشكارا تەنقىت قىلسا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى زىيانغا ئۇچرايدۇ، دېدى. سىز بۇنى كاناداغا نىسبەتەن بىر تەھدىت، دەپ قارامسىز؟
- خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلغان بولسا، بىز ھەقىقەتەن بۇنى يۇقۇرى باھالىغان بولاتتۇق. ئەپسۇسكى ئۇلار ئۇنداق قىلىشنى خالىمىدى. كانادانىڭ قىممەت قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن سودا مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش بىرىنى بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ. كانادا بىلەن خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللىق سودا مۇناسىۋىتى بار. تەبىئىيكى، خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىز يۈكسۈلۈپ، كانادانىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى. كانادا پۇقراسىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش بىزنىڭ ئاساسى قانۇنىمىز تەرىپىدىن بېكىتىلگەن. كانادالىقلارمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. كانادالىقلارنىڭ قىممەت قارىشى قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە كانادا پۇقراسىنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشىدۇر. كانادا پۇقراسىنىڭ ھوقۇقلىرى ھەر زامان ۋە ھەرقانداق يەردە قوغدىلىدۇ.
- ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ ھەل بولماي ئارقىغا سوزۇلىشى بىلەن كونسېرۋاتىپ پارتىيە ھۆكۈمىتى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. بۇ تەنقىتلەر ئاز سانلىقلار ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر بېسىم ھېساپلىنامدۇ؟
- پارلامېنتتىكى ئۆكتىچى پارتىيە بولغان لىبېرال پارتىيە بىر كۈنى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىشى كېرەك، دەپ بىزنى تەنقىت قىلسا، يەنە ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار بىزنىڭ ئىلگىرى خىتاينى تەنقىت قىلغانلىقىمىزنى سۆزلەپ قوپۇدۇ. ئامما بىز بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىۋاتىمىز. مەن ئۆكتىچى پارتىيىلەرنى پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى ئۇيۇن ۋە تالاش-تارتىشلارنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ كونسۇل ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە ھەركەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن.
- كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ھەققىدە يەنە قانداق كونكرېت ئىشلارنى قىلماقچى؟
- كانادا ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى يەنىلا داۋاملاشتۇرىدۇ. باش مىنىستىرىمىز خىتاي دۆلەت رەئىسى بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، بىزنىڭ 5 نەپەر يۇقۇرى دەرىجىلىك مىنىستىرىمىز يەنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، خەلقئارا سودا مىنىستىرى، مالىيە مىنىستىرى، دېھقانچىلىق ۋە تەبىئى بايلىقلار مىنىستىرلىرىمىز خىتايغا بېرىپ، مۇمكىن بولغان ئەڭ يۇقۇرى سىياسى دەرىجىدىكى خىتاي كەسىپداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ كانادا پۇقرالىقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ كونسۇل ھوقۇقى خەلقئارا قانۇنلار تەرىپىدىن بېرىلگەن. بىز خىتاي دائىرلىرىنى ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە ھىچ بولمىغاندا ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا داۋاملىق ئۈندەيمىز ۋە بۇ ھەقتىكى بېسىمنى كۈچەيتىمىز.