دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى


2007.04.23

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى يېقىندا خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىنى ۋە ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىئىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئېنىق شەرھىلەپ ئۆتتى.

ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىلشات رىشىت ئەپەندى يۇقىرىقى مەزمۇنلار ھەققىدىكى قاراشلىرىنى تەكرارلاپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا رابىيە قادىر خانىمنىڭ گۇناھسىز ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى 9 يىللىق قاماق جازاسى بىلەن جازالىشى ۋە كانادا پۇقراسى ھۈسىيىن جېلىلنى مۈددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى، بۇ دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ چېكىدىن ئاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئوچۇق دەلىلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇھبىرىمىز ئەقىدەنىڭ، دىلشات رىشىت ئەپەندىدىن سورىغان تۆۋەندىكى سۇئاللىرىغا بەرگەن جاۋاپلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقۇرقى ئۇلۇنۇشتىن ئاڭلاڭ.

سۇئال : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك دىلشات رىشىت ئەپەندىم، يېقىندا سىز بىر قانچە مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتۈپسىز، بۈگۈن مۇشۇ ھەقتە يەنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىدى توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

سۇئال: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيا نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقغا كۆرسىتىلىشى ۋە رافتو تېنچلىق مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلىنىشى، ئەلۋەتتە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا ۋە ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە باھاسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىق چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلارنى ئىزچىل ئەيىبلەپ، رابىيە خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى 9 يىللىق قاماق جازاسى بىلەن جازالىدى. سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋالنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان خىزمەتلىرىدىن "ئۆچ ئېلىش ھېسابلىنىدۇ" دەپ قارىماقتا. بۇ مەسىلىگە سىز قانداق قارايسىز؟

سۇئال: خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچى، كانادا پۇقراسى ھۈسىيىن جېلىلنى تېررورلۇق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان دەپ ئەيىبلەپ، كانادا قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي، ئۇنى مۈددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدۇ؟ (ئەقىدە).

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.