خىتاي دائىرلىرى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنى يەنە رەت قىلدى

0:00 / 0:00

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter MacKay خىتايغا قىلغان 3 كۈنلۈك رەسمى زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ سەپىرى خىتايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، كانادا پۇخراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بۇ زىيارەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭگە يەتىپ بارغان Peter MacKay دۈشەنبە كۈنى خىتاي كەسىپدىشى بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى، كانادا ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ تەرەپلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ئەڭ ياخشى پەيتنىڭ يەتىپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىپ: تەبىئى ھالدا بىز ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. بىز ئۇنى كونسۇل ھوقۇقى بىلەن تەمىنلەشتە چىڭ تۇرىمىز. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمىزدىكى كەسىپداشلىرىمنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى مەيدانى ئېنىق، دېدى

كانادا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كونسۇل ھوقۇقىدا چىڭ تۇرىدۇ

كانادا ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، Peter MacKay بىلەن خىتاينىڭ يەڭىدىن تەيىنلەڭەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى كۆرۈشىشى 4 سائەت داۋام قىلغان.

Peter MacKay سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇخپىرلارنى كۈتىۋەلىش يىغىنىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: مەن بۈگۈن خىتاي كەسىپدىشىم، ياڭ جيېچىغا بۇ مەسىلىنى يەنى ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ خورلانغانلىقىغا دىققەت قىلىدىغانلىقىمىزنى بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويدۇم. ياڭ جيېچى ئەپەندىم ماڭا ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ قىيىن –قىستاققا ۋە خورلۇققا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ھەچقانداق بىشارەتنىڭ يوقلۇغىنى ئەيتتى ۋە بۇ دىلوغا خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرى بويىچە ئىنسانى مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. مەن ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ كونسۇل ھوقۇقىنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن موھىملىقىنى تەكىتلىدىم، دېدى.

Peter MacKay نىڭ بىلدۈرىشىچە، كانادا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بۇ دىلو ئۈستىدە خىتاي ھۆكۈمىتى قايتا ئويلىنىشقا قوشۇلغان. بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن ھۈسەيىن جېلىل ئۇرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن، ئالدىنقى ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى، ئاتالمىش تېرورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك جىنايەتلىرى بىلەن ئېيىپلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

خىتاي دائىرلىرى ھۈسەيىن جېلىلنى شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ قىرغىزىستاندىكى دىنى ئىشلار مەسۇللىقىنى ئوتىگەن ۋە شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى بىلەن شەرقى تۇركىستان ئىسلام ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ بىرلىشىشىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان، دەگەندەك ئەيىپلەشلەردە بولماقتا.

خىتاي، مۇستەققىللىقنى تەشەببۇس قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەكتە

ك ت ۋ تەلىۋىزىيەسىنىڭ بېيجىڭدە تۇرۇشلۇق مۇخپىرى Steve چاۋنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، Peter MacKay نىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مەخسىتى بېيجىڭ بىلەن بۇزۇلغان مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەن. ئۇنىڭ ئەيتىشىچە، ھۈسەيىن جېلىل بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان جىنايەتلەر بىلەن ئەيىپلەنگەن ئۇيغۇرلارغا خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بەرىلىۋاتقان پەيتتتە، كانادانىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى دىپلوماتىك سورۇندا ئوتتۇرىغا قويۇشى يەنىلا كانادا ئۈچۈن غەلبە ھەساپلىنىدىكەن، شۇنداقلا بۇ كانادانىڭ خىتايغا قىلغان بەسىملىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن: Peter MacKay خىتاي كەسىپدىشى بىلەن ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە 4 سائەت سۆھبەت ئۆتكۈزدى. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولغان ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ، يوقۇرى دەرىجىلىك دىپلوماتىك سورۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى خىتاينىڭ يول قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. . Peter MacKay ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كونسۇل ھوقىقىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىدا چىڭ تۇردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ خىتايدا تۇغۇلغانلىقى ۋە تېرور پائالىيەتلىرىگە چېتىلغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ كونسۇل ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، دېدى.

ئامما خىتاي قانۇنىدا خىتاي پۇخرالىرى ئىككىنچى بىر دولەتنىڭ پۇخرالىقىنى قوبۇل قىلسا، ئۇ خىتاي پۇخرالىق سالاھىيىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ، دىيىلىدۇ.

ھۈسەيىن جېلىل كاناداغا سۈرگۈن قىلىنىشى مۈمكىنمۇ؟

Steve چاۋنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي دائىرلىرى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنى رەت قىلسىمۇ، ئەمما كانادا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرىدىن ئۈمىتۋار ئىكەن: كانادا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن خىتاي دائىرلىرى ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ھۈسەيىن جېلىلنى كاناداغا يولغا سەلىشىنىڭ مۈمكىنچىلىكىدىن بىشارەت بەرمەكتە.

نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولغان رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ تۇرمىسىدىكى مەزگىلىدە، ئامېرىكىغا سۈرگۈن قىلىنغان ئىدى. شۇڭا ئۇلار رابىيە قادىر مەسىلىسى بىلەن ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى، ھۈسەيىن جېلىلنىڭمۇ رابىيە قادىر خانىمغا ئوخشاش كاناداغا يولغا سېلىنىشى مۈمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، دەيدۇ. ئامما ئۇ خىتاي تەرەپنىڭ بۇ ھەقتە ھەچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

خىتاي دائىرلىرى مەشھۇر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، رابىيە قادىر خانىمنى ئۇرۈمچى تۇرمىسىدىكى مەزگىلىدە، خەلقارا جەمىيەتنىڭ بەسىمى بىلەن 2005-يىلى مارت ئەيىدا ئامېرىكىغا سۈرگۈن قىلغان ئىدى.

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سالاھىيىتى مەسىلىسى كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشنىڭ تۈگىنىدۇر. خىتاي ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنى رەت قىلسا، كانادا ئۇنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىدە ۋە كونسۇل ھوقۇقىدا چىڭ تۇرماقتا. خىتاي دائىرلىرى ھۈسەيىن جېلىلنى تېرورچىلىقتا ئەيىپلىسە، كانادا دائىرلىرى ۋە ئاخپارات ۋاستىلىرى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىكەنلىكىنى، مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن تېرورچى، دەپ ئەيىپلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. (كامىل تۇرسۇن)