پېتەر ماككاينىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى ئىنكاسلار

0:00 / 0:00
Hkg567568-200.jpg
پېتەر ماككاي 30 – ئاپرىل كۈنى، خىتايدىن تۈرمىدىكى ھۈسەيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. MacKay demanded consular access to a jailed Canadian citizen in China 30 April during a meeting with his Chinese counterpart Yang Jiechi. AFP PHOTO/TEH ENG KOON (TEH ENG KOON/AFP)

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتەر ماككاي خىتايغا قىلغان تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. پېتەر ماككاي بېيجىڭدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كوممىسارى تاڭ جيا شۋەن بىلەن كۆرۈشتى. يېڭىدىن تەيىنلەڭەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

كانادا مەتبۇئاتلىرى پېتەر ماككاينىڭ خىتاي تەرەپكە سالماق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ خىتاي كەسىپدىشىگە خىتاي كانادا مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا.

خىتاي ھۈسەيىن جېلىلغا كانادانىڭ ئىگە چىقىۋاتقانلىقىنى خەلقىدىن يوشۇرىدۇ

خىتاينىڭ "خەلق گېزىتى" نىڭ ئېڭگىلىز تىلىدىكى نۇسخىسىدا بولسا، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىكى مەخسەتنىڭ ئىككى دولەت ئوتتۇرىسىدىكى "بەزى نازۇك مەسىللەر"نى ھەل قىلىش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، "پېتەر ماككاينىڭ زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى تەرەپ بۇ "نازۇك مەسىللەر"نى ھەل قىلىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان بولسىمۇ، ئامما ئىككى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش روھى بويىچە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك سوھبەت ۋە ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلدى، دېگەندەك ئابىستراكىت ئوقۇملار بىلەن خەۋەر بەردى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى كانادا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ سۆھبىتىدە كانادا پۇخراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ نۇقتۇلۇق تىلغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە پەقەتلا سۆز ئاچمىدى.. كانادا CTV تەلىۋىزىيەسىنىڭ بېيجىڭدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ستېۋ چاۋ بۇنى سىرتقا ئۇچۇر بېرىشتىن قاچىدىغان خىتايدىكى دىكتاتور تۈزۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدۇ.

ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە يەنىلا ئىلگىرىلەش يوق

كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى مۇلاھىزە ۋە خەۋەرلەردە، پېتەر ماككاينىڭ بۇ زىيارىتىگە بولغان ئۈمۈتسىزلىك ۋە نارازىلىق كەيپىياتلىرى ئىپادىلەنمەكتە. كانادادىكى ئەڭ چوڭ ئاخپارات ۋاستىسى بولغان "گلوب ئاند مائىل" گېزىتىنىڭ بېيجىڭدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى جېئوففرەي يورك تەرىپىدىن يېزىلغان "خىتاي ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە يول قويۇشنى رەت قىلدى" ۋە "بېيجىڭنىڭ قاماقتىكى كانادا پۇخراسىغا بولغان پوزىتسىيەسى قاتتىق" "پېتەر ماككاي ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە قۇرۇق قول قايتتى" ناملىق چاتما ماقالىلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي يەنىلا بۇرۇنقى سۆزلىرىنى تەكرارلىغان. پېتەر ماككاي خىتاي ھوكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە ھەرقانداق يول قويۇشىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن.

ماككاي نەق مەيداندا ياڭ جيېچىگە بۇ دىلو ھەققىدىكى ھۆكۈمدىن كانادانىڭ قاتتىق ئۈمىتسىزلەڭەنلىكىنى بىلدۈرگەن. پېتەر ماككاي ئىككى دۆلەت تاشقى مىنىستىرلىرىنىڭ سۆھبىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋەلىش يىغىنىدا، مېنىڭ بىردىنبىر قىلغان ئىشىم خىتاي ھۆكۈمىتىگە كانادانىڭ مەيدانى ۋە ئەندىشىلىرىنى ئەڭ ياخشى دېرىجىدە چۈشىنىش ئىمكانى يارىتىش بولدى، دېگەن.

ھۈسەيىن جەلىلنىڭ تەقدىرى موھىم تىما بولغان، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە، گەرچە خىتاي ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا تەۋەلىكى، شۇنداقلا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈش تەلىۋى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئامما پېتەر ماككاي بۇ سۆھبەتتە ئىجابى ئىلگىرىلەش بولدى، دەپ باھالىدى.

نەق مەيداننى كۈزەتكەن كانادا CTV تەلىۋىزىيەسىنىڭ بېيجىڭدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ستېۋ چاۋ: ئومۇمەن، پېتەر ماككاينىڭ زىيارىتىنى ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش نۇختىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنتايىن ئىجابى ۋە ئىنتايىن مۇئاپىقىيەتلىك بولدى، دىگىلى بولمايدۇ.كانادا ئۈچۈن ئەڭ موھىم بولغان ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى، دەيدۇ.

كانادا، خىتايغا بولغان سىياسىتىدە يۇمشاش كۆرۈلمەكتە

كانادا گېزىتلىرى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادا بىلەن داۋاملىق كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

پېتەر ماككاينىڭ خىتاي زىيارىتىنى، كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدا يوقۇرى دەرىجىلىكلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بولدى، دەپ باھالىغان برىتىش كولۇمبىيە ئۇنىۋەرسىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى پروفىسسورى، پارلامەنت كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتىنىڭ ئەزاسى پائۇل ئەۋانسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەسلىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىت قىلىدىغان دوكلات كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە، پارلامەنتنىڭ كۈن تەرتىۋىگە سۇنۇلماقچى ۋە پارلامەنتتا بۇ مەسىلە مۇنازىرە قىلىنماقچى بولغان، لېكىن پېتەر ماككاينىڭ خىتايدىكى زىيارىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشى ئۈچۈن ئاخىرقى ھېساپتا بۇنىڭدىن ۋازكېچىلگەن.

پائۇل ئەۋانس، جاسون كېننېينىڭ ئەمەس، بەلكى پېتەر ماككاينىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە، كاناداغا ۋاكالىتەن سۆز ساھىبى بولىۋاتقانلىقىنى كانادانىڭ خىتايغا تۇتقان سىياسىتىدىكى بىر يۇمشاش، دەپ باھالايدۇ.ئۇنىڭ تەھلىلىچە، پارلامەنت كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتىنىڭ رەئىسى ۋە مەدىنىيەت مىنىستىرى جاسون كېننېي خىتايغا نىسپەتەن قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان شۇڭقارلار تىپىگە تەۋە. پېتەر ماككاي بولسا، خىتايغا مۆتېدىل سىياسەت يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كەپتەرلەر تىپىگە كىرىدۇ.

پېتەر ماككايمۇ ئوخشاشلا خىتايغا نىسپەتەن نارازىلىقىنى ئىپادىلىسىمۇ، سۆز- ئىبارىلىرى جاسون كېننېينىڭكىدەك ئۇنداق قاتتىق ئەمەس. بۇنىڭدىن ئىلگىرى پارلامەنت ئەزاسى پائۇل جابومۇ خىتايغا قاتتىق قوللىغى بىلەن تونۇلغان جاسون كېننېينىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

كانادا پارلامەنت ئەزالىرى خىتاي دائىرلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى كاناداغا "سۈرگۈن قىلىشى" نىئارزۇ قىلىدۇ

پېتەر ماككاينىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىگە ئوكتىچى پارتىيەلەردىن لىبېرال ۋە يېڭى دېموكراتلار پارتىيەسى پارلامەنت ئەزالىرىمۇ قاتناشتى. كانادا CTV تېلىۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۆھبەتكە قاتناشقان كانادا ئەمەلدارلىرى، خىتاينىڭ ئىنتايىن ئىللىق مۇئامىلىسىگە قاراپ، خىتاي دائىرلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇقچىلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن 2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن، ھۈسەيىن جېلىلنى تۇرمىدىن بوشۇتۇپ، مەلۇم شەكىللەر بىلەن كاناداغا يولغا سېلىشى مۈمكىن، دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن.

پېتەر ماككاينىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىشىدە بىرگە بولغان ۋە ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆھبىتىگە قاتناشقان لىبېرال پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى پارلامەنت ئەزاسى كېئىتھ مارتىن كانادا، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاينىڭ چېگرىسى ئىچىدە قايتا سىياسى پائالىيەت ئېلىپ بارماسلىققا كاپالەت قىلىش شەرتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى مەڭگۈ چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، كاناداغا قايتۇرۇپ كېلىشنى سۆزلىشىش تەكلىۋىنى بەرگەن. ئامما پېتەر ماككاي ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويمىغان. كېئىتھ مارتىن بۇ تەكلىپنى كانادادىكى ئىلىم ئەھلى ياكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلەرنىڭ نامى بىلەن خىتاي دائىرلىرىگە بىلدۈرۈشنى ئەسكەرتىدۇ.

كانادا جامائىتى: ھۆكۈمەت خىتاينىڭ ھەركىتىنى ئەيىپلىشى كېرەك دەيدۇ

خەلقارادىكى موھىم ۋەقە ۋە مەسىللەر ھەققىدە پۇخرالارنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغان "ئاڭۇس رېئىد "ستراتىگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، % 46 كانادالىق ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە، كانادا ھۆكۈمىتى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرىشى كېرەك، دەپ قارايدىكەن. % 27 كانادالىق بولسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن تەقدىردىمۇ، كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھەركىتىنى ئاشكارا ئەيىپلىشى لازىم، دەپ قارىغان.

پەقەت رايىنى سىناش پائالىيىتىگە قاتناشقان % 15 كىشىلا خىتاي ئەدىلىيە سېستىمىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمىنى قۇبۇل قىلىش كېرەكلىگىنى تەكىتلىگەن. بۇ تەتقىقات ئورنى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە كانادالىقلارنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ئىدى. (كامىل تۇرسۇن)