كانادا پارلامېنتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
2007.05.08
كانادا پارلامېنتى ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن بىلەن ئۇچرۇشۇشىغا رۇخسەت قىلىش ھەققىدە شۇنداقلا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىدىغان قارار لايىھىسى ماقۇللىدى.
كانادا پارلامېنتىنىڭ قارار لايىھىسى كانادا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى پېتېر ماكاينىڭ 1 - مايدىن بۇرۇن ئېلىپ بارغان بېيجىڭ زىيارىتىدە، خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشۈش پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا پارلامېنتنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە قويۇلدى. ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن بولمىغان سىياسەت تۇتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
كانادا پارلامېنتى: ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ھوقۇقى ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك
كانادا پارلامېنتى ماقۇللىغان قارار لايىھىسىنى ستىپان خارپېر ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، قارار لايىھىسى پارلامېنتنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئەزالارنىڭ بىردەك قوللاپ ئاۋاز بېرىشى ئاستىدا ماقۇللاندى.
بۇ قارار لايىھىسى، مەسىلىلەر پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن كەسكىن بەس - مۇنازىرە قىلىنىدىغان كانادا پارلامېنتىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ياكى ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن تالاش تارتىش قىلىنمىدى.
كانادادا چىقىدىغان " ئوتتاۋا پۇقرالار" گېزىتى، بۇ قارارنىڭ كانادا پارلامېنتىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تالاش -تارتىشسىز ماقۇللانغانلىقىنى كانادا پارلامېنتىدا ئاز ئۇچرايدىغان ئالاھىدە ئەھۋاللار، دەپ تەكىتلىگەن. قاراردا، خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا ئەمەلدارلىرىنىڭ ھۆسەيىن جېلىلنى يوقلىشىغا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى ۋە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى شۇنداقلا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنى نىمە ئۈچۈن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە چۈشەنچە بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قاراردا " ئاۋام پالاتاسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھۈسەيىن جېلىلنى دىپلوماتىك خادىملار بىلەن كۆرۈشتۈرۈشكە شۇنداقلا ئۇنىڭ ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى تېز ئارىدا ۋە ئادىلانە تەكشۈرتۈشكە، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن بولۇپ، " ئەگەر ھۈسەيىن جېلىل خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغان بولسا، بۇ خىتاي ۋە كانادا ھەر ئىككىلا دۆلەت ئىمزا قويغان ب د ت نىڭ تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىنى بۇزغانلىقتۇر،" دېيىلگەن.
كانادا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى پېتېر ماكاينىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇنىڭ بېيجىڭدا ئېلىپ بارغان يېقىنقى زىيارىتىدە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېيچى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچىرغانلىقىنى رەت قىلىپ،" ئۇنىڭ تەن جازاسى ياكى ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ ھېچقانداق ئالامىتى يوقلىقىنى" بىلدۈرگەن.
پېتېر ماكاي، ياڭ جېيچىنىڭ كانادا بىلەن قوش دۆلەت پۇقرالىقى ۋە خىتاي - كانادا ئارىسىدىكى ئەلچىلىك كېلىشىمى قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر مەسلىسى خىتاينى ئەڭ قورقۇتىدىغان مەسىلە
خىتاي-كانادا ئارىسىدا ئۆز - ئارا بىر -بىرىنىڭ پۇقرالىرىنى قوغدايدىغان ئەلچىلىك كېلىشىمى بولسىمۇ، لېكىن بۇ كېلىشىم ھۈسەيىن جېلىلغا ئەسقاتمىدى. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى كوزۇر قىلىپ، كانادا بىلەن قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىش كېلىشىمى تۈزۈشكە قىستاش پىلانى بولۇشى مۇمكىن.
ئامېرىكىدا ياشايدىغان خىتاي ئانالىزچى ليۇ شاۋجۇ، خىتاينىڭ بۇ ئىشتا ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سىياسىتى تۇتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ، "جۇڭگونىڭ پىلانىچە بۇ ئىشنى ئامالنىڭ بارىچە كەينىگە تارتىپ بىر تەرەپ قىلىشتۇر. يەنى مېنىڭچە جۇڭگو بۇ ئىشنى ئۇزۇنغا تارتىش ئارقىلىق كانادا تەرەپتىن كېلىدىغان قارشىلىق ۋە بېسىم پەسەيگەندىن كېيىن ئۇنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ ھەل قىلىش يولىنى تۇتۇشى مۇمكىن،" دەيدۇ. لېكىن ليۇ شاۋبو، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ناھايىتى سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئامىللار خىتاينىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇپ بەرمەسلىكىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ليۇ شاۋجۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىبەت مەسىلىسىگە قارىغاندا ناھايىتى جىددى ۋە ھەل قىلىش قىيىن بولغان مۇرەككەپ مەسىلە، دەپ قارىماقتا. بولۇپمۇ مەملىكەت ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئۆز ئارا بىرلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.
ليۇ شاۋجۇ مۇنداق دەيدۇ، " شىنجاڭدىكى ھەر قانداق بىر ھادىسە ياكى ھەرىكەتكە بېيجىڭ ناھايىتى جىددى قارايدۇ. بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ۋە چېگرا سىرتىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرلىشىپ كېتىشىدىن ياكى چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىقتىن ئىنتايىن قورقۇدۇ شۇنداقلا غەربنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگە ئارلىشىشىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلىدۇ."
كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ھۆسەيىن جېلىل ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنى ستىپان خارپېر ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنتتىكى رەھبىرى پېتېر ۋون لون ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، پارلامېنتتىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى رالف گۇدېيلنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇ ئەھۋالدا قارار لايىھىسىگە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھىچ بىرى قارشى ئاۋاز بەرمىدى.
ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كونا ئۇسۇلدا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ
ئامېرىكىدىكى ئانالىزچى ليۇ شاۋجۇنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى رايوندا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى رايوندىكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارىماقتا. لېكىن بۇ سىياسەت زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ليۇ شاۋجۇ، بۇ ۋەزىيەت ئاستىدا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مەسىلىسى چوڭ بىر دىلوغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ليۇ شاۋجۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلىگەن.
ليۇ شاۋجۇ، "مېنىڭچە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلىدى. ئەمەلىيەتتە مەيلى ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسۇن، مەيلى ئامېرىكا، ياپونىيە ياكى كانادا بولسۇن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر گەۋدە. ئەگەر جۇڭگو كومپارتىيىسى شىنجاڭ مەسىلىسىنى كونا ئۇسۇلى بويىچە بىر تەرەپ قىلىمەن دىسە، كەلگۈسىدە تېخىمۇ پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى، ھەتتا ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا كومپارتىيىنىڭ مەنپەئەتىدىن ئېيتقاندا ھۈسەيىن جېلىلنى قانچە بالدۇر قويۇۋەتسە شۇنچە ياخشى،" دەپ كۆرسەتتى.
ليۇ شاۋبونىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي - كانادا ئارىسىدىكى ئەلچىلىك كېلىشىمى بويىچە خىتاي دائىرىلىرى خىتايدىكى كانادا پۇقرالىرىنى قولغا ئالسا، كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ تۇتقۇنلار بىلەن 24 سائەت ئىچىدە كۆرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىكەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە بۇ كېلىشىمگە رىئايە قىلمىغان. ليۇ شاۋجۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى رەت قىلسىمۇ، لېكىن بۇ كۆز قارىشىنى خەلقئاراغا قوبۇل قىلدۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پېتەر ماككاينىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى ئىنكاسلار
- كانادا پوۇقرالىرىنىڭ كۆپچىلىكى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ قەتئى بولۇشىنى ياقلىدى
- خىتاي كانادانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىترىنى كانادا پۇقراسى ھۈسىيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشتۇرمىدى
- خىتاي دائىرلىرى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنى يەنە رەت قىلدى
- كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter Mackay خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- كانادا كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھۈسىيىن جېلىل مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادانى، مەھسۇس ۋەكىل ئېۋەتىپ خىتاي تۈرمىسىدىكى پۇقراسىنى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىردى
- دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل توغرىسىدىكى ئىنكاسلىرى ۋە خىتاي-كانادا مۇناسىۋىتى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى
- كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى
- خىتاي كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى