خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى (1)
2007.07.06
19- ئاپرىل كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى كانادا پۇخراسى ھۈسەيىن جېلىلغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، بۇ دېلو كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان دىپلوماتىك توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، رەسمى نارازىلىق بىلدۈردى. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ مەخسۇس ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى بىلەن خىتاينى زىيارەت قىلدى.
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنى يەنىلا رەت قىلىپ كەلمەكتە. باشتىن بەرى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىپ كەلگەن خىتاي مەتبۇئاتلىرى، نۆۋەتتە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىدىغان ماقالىلارنى ھەدەپ ئېلان قىلماقتا. بۇنىڭغا چەتئەللەردىكى خىتايلارغا ئائىت مەتبۇئاتلارمۇ دوست تارتماقتا.
بىز كانادادىكى ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە خىتاي دېموكرات پائالىيەتچىلىرىدىن شېڭ شۈئې خانىم بىلەن ھۈسەيىن جېلىل دېلوسىنى چۆرىدىگەن بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
خىتاينىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتى رەت قىلىش ھوقۇقى يوق
سىياسى پائالىيەتچى شېڭ شۈئې ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەۋەلىكى مەسىلىسى ھەققىدە توختۇلۇپ: خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى خىتاي پۇخراسى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ھۈسەيىن جېلىلغا پۇخرالىق سالاھىيىتى بەرگەن دۆلەت، ئۇنى مېنىڭ پۇخرايىم ئەمەس دېمىگەن ئىكەن، يەنە بىر دۆلەتنىڭ قوپۇپ، ئۇنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلمايمەن، دېيىشى ئۆتۈپ كەتكەن مۇتىھەملىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمىلىيەتتە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتى كانادا قانۇنى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى كانادانىڭ خەلقارا قانۇنلار ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى ئاساسىدا بېرىلگەن.
شۇڭا خىتاينىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى يوق شۇنداقلا بۇ خىل ئۇرۇنۇش خەلقارا قانۇنلارغا خىلاپلىق ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ، دېدى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بەلگىلىك تونۇشقا ئىگە بولغان ۋە بۇ ھەقتە كۆپ قەلەم تەۋرەتكەن شېڭ شۈئې خانىم، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاي ئۇچۇن نازۇك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ:" خىتايلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سالاھىيىتى نازۇك. چۈنكى ئۇ ئۇيغۇر. خىتايدا كومپارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەركىتى، دېموكراتىك ھەركەتلىرى ياكى كىشىلىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى پائالىيەتلىرى ئوخشاشلا قانلىق شەكىلدە باستۇرۇلماقتا. شۇڭا ئۇيغۇر رايونىدا، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانى خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغا قارىغاندا ناھايىتى يوقۇرى،" دەيدۇ.
خىتاينىڭ ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرى پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ
سىياسى پائالىيەتچى شېڭ شۈئې خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى تېررورچىلىقتا ئەيىبلىشىدىكى پاكىت ئاساسىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ:" خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنى تېررورچىلىقتا ئەيىبلىسىمۇ، ئامما خىتاي سوت مەھكىمىسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق كونكرېتنى بىر دەلىل- ئىسپاتىنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. تەبىئىكى 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا، تېررورىزم دېگەن بۇ ئاتالغۇ بىزگە ئانچە تونۇشلۇق ئەمەس ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ئاتالغۇنى كۆپ ئىشلەتمىگەن ۋە ئىلگىرى ئۇلار ھۈسەيىن جېلىلنىمۇ بۇ خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلىمىگەن ئىدى. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى سوت مەھكىمىسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ 97-يىلى بىر ئادەمگە 80 مىڭ يۈەن ياردەم قىلغانلىقىنى، بۇ ئىقتىسادى ياردەم قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرنىڭ كېيىن قانداقتۇ بىر تەشكىلات قۇرغانلىقى، ھۈسەيىن جېلىل چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن كىملەر بىلەن ئۇچراشقانلىقى، بايراق ۋە دۆلەت گىرىبى لايىھىلەشكە شۇنداقلا ئىككى تەشكىلاتنى بىرلەشتۈرۈش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى قاتارلىقلارنى جىنايى پاكىت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئەگەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەرىكەتلەر بىلەن بىر ئادەمنى تېررورچى، دەپ ھۆكۈم قىلساق، ئۇنداقتا تېررورچى، دېگەن ئۇقۇمنى بۇرمىلىغان بولىمىز. ئۇنىڭسىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيان ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى تېررورىزم بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە،" دەيدۇ.
ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى
ئۇ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختۇلۇپ: "ھۈسەيىن جېلىل ئۆزبەكىستاندىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن بېرى، كانادا بۇ مەسىلىدە خىتايغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ كەلدى. مېنىڭچە، بۇ مەسىلە خىتاي كانادا مۇناسىۋەتلىرىگە جىددى تەسىر كۆرسەتتى. كانادا پۇقرالىرىنىڭ چەتئەلدە بۇنداق ئېغىر مۇئامىلىگە ئۇچرىشى كانادانىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە، ئۇنىڭ دۆلەت ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزدى. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ كانادا ئۈچۈن ئىنتايىن قاتتىق زەربە بولدى. ھازىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنىلا جىددى. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى تۈزۈلمە، ئەدىلىيە سىستېمىسى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە جەھەتلەردىكى پەرقلەردىن كېلىپ چىققان. مېنىڭچە، بۇ خىل جىددىيلىك يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىدۇ. كانادا ھۆكۈمىتى خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە قوللىنىپ، ئاخىر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە يول قۇيۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ،" دېدى.
بۇ قىسمەت خىتايلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىشكە باشلىدى
سىياسى پائالىيەتچى شېڭ شۈئې چەتەللەردىكى بەزى خىتايلارنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى قوللاۋاتقانلىغىنى تەنقىت قىلىپ:" كۆپلىگەن خىتايلار بۇ بەخىتسىزلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا كەلمىگەچكە، مەن ئۇيغۇر ئەمەس، مەن ھۈسەيىن جېلىل بولمىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ماڭا بۇنداق جازا بېرىشى ناتايىن، دەپ قارايدۇ. ئامما بۇ دېلوغا قارىتا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئادالەت ۋە ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولىشى كېرەك. چۈنكى ھۈسەيىن جېلىل كانادا پۇخراسى سالاھىيىتىگە ئىگە. ھېچ بولمىغاندا، چەتئەل ھۆكۈمىتى شۇنداق مۇئامىلىدە بولماقتا. ھۈسەيىن جېلىل ئىلگىرى خىتاي پۇخراسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ قىسمەتكە ئۇچراۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ پاجىئەسى كانادا پۇخراسى بولغان بارلىق خىتايلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. كانادا ۋەنلىدا دۋد شىركىتىنىڭ خوجايىنى بىر نەچچە ئايدىن بېرى خىتاينىڭ تۈرمىسىدە يېتىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا كانادا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭمۇ ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەكمۇ يوق؟ مېنىڭچە، بىر كانادالىققا خىتاي تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىشى بارلىق كانادالىقلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ،" دېدى.
خىتاينىڭ مەقسىدى ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش
رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە "ئۇيغۇرلار ئاخىرى ئۆزىنىڭ دالاي لاماسىغا ئىگە بولدى"، دەپ ماقالە يازغان يازغۇچى شېڭ شۈئې خانىم، خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى قولغا ئېلىشى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ:" خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگىزىۋاتىدۇ. رابىيە قادىر دېلوسىدىمۇ شۇنداق. ئۆز ۋاختىدا خىتايدىكى كاتتا بايلارنىڭ بىرى بولغان رابىيە خانىم خىتايدا ئەڭ يوقۇرى سىياسى مەرتىۋىلىك ئورگان دەپ قارالغان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزالىق دەرىجىسىگە قەدەر كۆتۈرۈلگەن ئىدى. خىتاينىڭ رابىيە خانىمنى قولغا ئېلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش تەلەپلىرىگە، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تەلەپلىرىگە بېرىلگەن جاۋاپ. خىتاي بۇ ئارقىلىق سېنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكلىرىڭ، دىنىي ئېتىقات ۋە مەدىنىيەت جەھەتتىكى پەرقلىرىڭ مەن ئۈچۈن بىر تىيىن، دېمەكچى. ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى بولسا، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ توخۇنى بوغۇزلاپ، مايمۇننى قورقۇتۇش تاكتىكىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس،" دېدى. (كامىل)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كانادانىڭ 47 نەپەر پۇقراسى خىتايدا قولغا ئېلىندى
- خىتاي تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا
- سابىق خىتاي دىپلوماتى چېن يوڭلىن كانادانى زىيارەت قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى، ھۆسەيىن جېلىلنى ئادۋۇكاتى بىلەن ئۇچرىشىشقا رۇخسەت قىلدى
- خوڭكوڭ سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە تور بېتىدە، ھۆسەيىن جېلىل قاتارلىق ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ھەققىدە ماقالە
- خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلماقتا
- كانادا پارلامېنتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
- پېتەر ماككاينىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى ئىنكاسلار
- خىتاي دائىرلىرى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنى يەنە رەت قىلدى
- دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل توغرىسىدىكى ئىنكاسلىرى ۋە خىتاي-كانادا مۇناسىۋىتى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى