0:00 / 0:00
كانادا ۋە خىتاي قوش دۆلەت سالاھىيىتىگە ئىگە ھۆسەيىن جېلىلغا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇددەتسىز جازا ئېلان قىلىشى، خىتاي بىلەن كانادا مۇناسىۋەتلىرىدە دېپلوماتىك توقۇنۇش پەيدا قىلغان مەسىلە.
شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقرالىقى سالاھىيىتىنى ئېتراپ قىلماسلىقتىن سىرت ئۇنى مەتبۇئاتتا تېرورچى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا.
بۇنىڭ ۋەقەگە يەنى ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە، خىتاي دېموكراتلىرى قانداق نەزەردە قارايدۇ، بۇ ھەقتە كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تەپسىلى مەلۇمات بېرىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىلنىڭ مەلۇماتىغا قۇلاق سالغايسىز.