خىتاي سوتى ھۈسەيىن جېىلىلنىڭ ئەرزىنى رەت قىلدى
2007.07.10

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي سوت، سەيشەنبە كۈنى كانادا پۇقراسى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سوتنىڭ ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ سۇنغان ئەرزىنى رەت قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سوتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلەنگەن كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. خىتاي سوتىنىڭ بۇ ھۆكۈمى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ھەمدە كانادا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي سوت سەيشەنبە كۈنى ئەتتىگەن سائەت 9 دا ئىچىلغان سوت مەھكىمىسىدە، ھۆسەيىن جېلىل ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
گەرچە خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ سوتقا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆسەيىن جېلىلنىڭ سوت جەريانىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان كانادا-ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ رەئىسى مەمەت توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوتتا ئادۋوكاتنىڭ ھۆسەيىن جېلىلنى ئاقلىشىغا پۇرسەت بېرىلمىگەن.
بۇ ئارىدا ھۆسەيىن جېلىلنىڭ كانادادا ياشاۋاتقان ئايالى كامىلە خانىم، سەيشەنبە كۈنى كانادا ھۆكۈمىتىنى ھۆسەيىن جېلىلنى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى (2)
- خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى (1)
- كانادانىڭ 47 نەپەر پۇقراسى خىتايدا قولغا ئېلىندى
- خىتاي تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى، ھۆسەيىن جېلىلنى ئادۋۇكاتى بىلەن ئۇچرىشىشقا رۇخسەت قىلدى
- خوڭكوڭ سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە تور بېتىدە، ھۆسەيىن جېلىل قاتارلىق ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ھەققىدە ماقالە
- كانادا پارلامېنتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
- پېتەر ماككاينىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى ئىنكاسلار
- خىتاي دائىرلىرى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنى يەنە رەت قىلدى
- كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى