ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى تۈپەيلى خىتاي - كانادا كونسۇل ئىشلار كېلىشىمىگە دەز كەتتى
2007.07.11
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى كۈنى كانادا تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئوتتۇرا سوت ھۆكۈمىگە نارازى بولۇپ، يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرزىنى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي- كانادا كونسۇل ئىشلار كېلىشىمىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يۇقىرى سوتنىڭ ھۆكۈمى كانادا دائىرىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئادۋۇكاتى، رادىئومىزغا يۇقىرى سوتنىڭ ھۆكۈمى ھەققىدە توختالدى.
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتىر مىكېي خىتايغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتىر مىكېي سەيشەنبە كۈنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ھۈسەيىن جېلىلغا بېرىلگەن ئەسلىدىكى مۇددەتسىز تۈرمە جازاسى كۈچكە ئىگە، دەپ ھۆكۈم چىقارغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. پېتىر مىكېي، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سوتى قانۇن تەرتىپلەر بۇيىچە ئېلىپ بېرىلمايلا قالماي، ئۇنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنمىغانلىقىنى، كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كانادا دىپلوماتلىرىغا ھۈسەيىن جېلىلنى يوقلاش رۇخسىتى بېرىشنى قەتئىي تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنى بۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش ۋە كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قەشقەردىكى ئائىلە - تاۋاباتى بىلەن ئالاقە قىلسا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
پېتىر مىكېينىڭ ئەسكەرتىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ دېلوسى تۈپەيلى 1999 - يىلى خىتاي بىلەن ئىمزالىغان كونسۇل ئىشلار كېلىشىمىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇ كېلىشىم كانادا ساياھەتچىلىرىنىڭ ۋە خىتاي - كانادا قوش دۆلەت تەۋەلىكىدىكى كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالامدۇ ياكى قىلالمامدۇ ؟ دېگەن مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.
كانادا ئەمەلدارى سوت مەيدانىدا ھازىر بولالمىغان
كانادا ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە ھۈسەيىن جېلىلغا كۆز قۇلاق بولىدىغان مەخسۇس بىر ئەمەلدار تۇرغۇزغان بولسىمۇ، لېكىن ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ۋېي پەمىلىلىك خىتاي ئادۋۇكاتى، رادىئومىز مۇخبىرىغا كانادا ئەمەلدارىنىڭ ئالدىنقى كۈنكى سوت مەيدانىدا ھازىر بولالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كانادا ئەمەلدارىنىڭ سوت جەريانىغا قاتناشمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئادۋوكات ۋېي، بۇ ئەمەلدار سوت مەيدانىغا كىرمىگەنلىكى ئۈچۈن قاتناشمىدىمۇ ؟ ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى كىرگۈزمىگەنلىكى ئۈچۈن قاتنىشالمىدىمۇ ؟ دېگەن سۇئالىمىزغا "مەن بۇنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن. چۈنكى بۇ مېنىڭ خىزمەت دائىرەمدىكى مەسىلە ئەمەس " دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ يەنە " بۇ دېلونىڭ خەلقئارا ئارقا كۆرۈنىشىنى ئويلىشىش مېنىڭ ۋەزىپەم ئەمەس. مېنىڭ ۋەزىپەم ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى قوغداش " دەيدۇ.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنى 2006 - يىلى 3 - ئايدا ئايالىنىڭ تاشكەنتتىكى ئاتا - ئانىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەندە تۇتقۇن قىلىپ، شۇ يىلى 5 ياكى 6 - ئايلاردا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئۇنى مۇددەتسىز تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ھۈسەيىن جېلىل ئوتتۇرا سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز سۇنغان.
بىز يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئەرىزىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، 2 - قەدەمدە نېمە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن ئادۋوكات ۋېي بۇ سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش ھوقۇقى بار. لېكىن بۇ مەسىلە ئادۋوكات بىلەن ئەيىبلەنگۈچى ئارىسىدىكى قانۇنى مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلىش - قىلماسلىقنى ئاشكارىلىسا توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە نارازى بولغانلار خىتاي ئالىي سوتىغا ئەرىز قىلالمايدۇ
لېكىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇر سوتچىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا ئەسكەرتىشىچە، شىنياڭ قانۇنىغا ئاساسەن دېلوغا ھۆكۈم ئېلان قىلىش جەريانى ئىككى باسقۇچتىنلا ئىبارەت بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچ ئوتتۇرا سوتنىڭ ھۆكۈمى. ئىككىنچى باسقۇچ ئەگەر ئوتتۇرا سوتنىڭ ھۆكۈمىگە نارازى بولسا يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلىشتۇر. بۇ سوتچى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۇقىرى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە نارازى بولغانلار ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ دېلوسىغا ئارىلاشقان سوتچىلارنىڭ ئىسىملىكى، سوت ھۆكۈمنامىسىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى قاتارلىقلارنى ئاشكارا ئېلان قىلمىدى. ئادۋوكات ۋېينىڭ ئەسكەرتىشىچە، يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا ھۆكۈمنامىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى بەرگەن. ئۇ، "سوتنىڭ جەريانى ھۆكۈمنامىدا بار. سوت مەھكىمىسى ئەسلى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە، دەپ ئېلان قىلدى. مەن ھۆكۈمنامىنى تېخى تەرجىمە قىلىپ بولالمىدىم. چۈنكى جۇڭگونىڭ جىنايى ئىشلار ھەق تەلەپ قانۇنى بۇيىچە بۇ خىل دېلولار چوقۇم ئۇيغۇرچە يېزىلىشى كېرەك. ھۈسەيىن ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ دېلو ئۇنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا يېزىلىشى كېرەك. مەن خەنزۇ بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇيغۇرچىنى ئوقۇيالمايمەن. مەن پەقەت ئەسلى ھۆكۈمنىڭ ساقلاپ قېلىنغانلىقىنىلا بىلىمەن. شۇڭا ھۆكۈمنامىدا زادى نېمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى مەن ئۆزەممۇ بىلمەيمەن،" دەيدۇ.
بۇ دېلو كۆپ دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىغا چېتىلىدىغان مۇرەككەپ دېلو
ئادۋوكات ۋېي، بۇ سۆزلەرنى يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئەسلى ھۆكۈمنى ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلىشتا نېمە ئاساسلارغا تاياندى ؟ دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىگەن بولۇپ، بىز نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمنامىنىڭ خىتاي تىلىدىكى نۇسخىسىنى تەلەپ قىلمىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى خالىمىدى. ئۇ پەقەت " بۇ دېلونىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى " دەيدۇ. ئۇ، " بۇ دېلو مەن ھازىرغا قەدەر دۇچ كەلگەن ئەڭ قىيىن دېلو. چۈنكى بۇ دېلوغا چېتىلىدىغان قانۇنلار ناھايىتى كۆپ. بۇ دېلو جۇڭگو قانۇنلىرىغا چېتىلىپلا قالماي، كانادا قانۇنلىرىغا چېتىلىدۇ. كانادانىڭ كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلارنى قوغداش قانۇنى بار. بۇ دېلو يەنە، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارغا چېتىلىدۇ "دەپ كۆرسەتتى.
ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى خىتاي - كانادا ئارىسىدا دىپلوماتىك ئىختىلاپلارغا سەۋەبچى بولۇپلا قالماي، ئىككى دۆلەت بىر - بىرىگە سوتتا تەھدىت سېلىش دەرىجىسىگە قەدەر بېرىپ يەتكەن نازۇك مەسىلە بولۇپ قالدى. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتىر سەيشەنبە كۈنكى باياناتىدا، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى كانادا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم مەسىلە. كانادانىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى بۇ مەسىلىنىڭ تەرەققىياتىنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.
ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە تىلەندىبايىۋا كانادا مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن يۇقىرى سوتنىڭ قارارى توغرىسىدىكى باياناتىدا، يولدىشىنىڭ مەسىلىسىدە خىتايدىن ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىنى، لېكىن كانادا ھۆكۈمىتى خىتايغا تېخىمۇ ئېغىر بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي سوتى ھۈسەيىن جېىلىلنىڭ ئەرزىنى رەت قىلدى
- خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى (2)
- خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى (1)
- ¨كوممۇنىست خىتاينىڭ كونسۇلى شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسىنى جىم قىلىشقا ئۇرۇنماقتا¨
- كانادانىڭ 47 نەپەر پۇقراسى خىتايدا قولغا ئېلىندى
- خىتاي تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا
- سابىق خىتاي دىپلوماتى چېن يوڭلىن كانادانى زىيارەت قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى، ھۆسەيىن جېلىلنى ئادۋۇكاتى بىلەن ئۇچرىشىشقا رۇخسەت قىلدى
- خوڭكوڭ سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە تور بېتىدە، ھۆسەيىن جېلىل قاتارلىق ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ھەققىدە ماقالە
- خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلماقتا
- كانادا پارلامېنتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
- پېتەر ماككاينىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى ئىنكاسلار