ھۈسەيىن جېلىل 18 ئايدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئانىسى بىلەن كۆرۈشتى

0:00 / 0:00
Huseyin-Jilil.jpg
ھۈسەيىن جېلىل. Photo by UAA

خىتاي ھۆكۈمىتى، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشىگە تۇنجى قېتىم رۇخسەت قىلغان.

كانادا‏ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆسەيىن جېلىل تۈنۈگۈن تۈرمىدە ئانىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە تاماق يېگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى بىلەن قىلغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.