دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل توغرىسىدىكى ئىنكاسلىرى ۋە خىتاي-كانادا مۇناسىۋىتى
2007.04.23
خىتاي سوتىنىڭ 2006- يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن كانادا پۇقراسى، ئۇيغۇر پائالىيەتچسى ھۈسەيىن جېلىلنى مۇدەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. دۇنيادىكى بارلىق ئاگېنتلىقلار ۋە چوڭ گېزىتلار ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مۇدەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈمى قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلىپ بېرىپ، بۇ مەسىلىنىڭ خىتاي-كانادا مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
"ھۈسەيىن جېلىلنىڭ دېلوسى تۈگىمىدى"
گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مۇدەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاي سوتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلگە بەرگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق غەزەبلەندۈرگەنلىكى، بۇ مەسىلىنىڭ كانادا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
گېرمانىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كانادادىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتلىرىنى تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىغا چاقىرىتقان شۇنداقلا كانادا تاشقى ئىشلار مىنستىرى پىئېتەر ماككاي، كانادا پارلامىنتىدا سۆز قىلىپ، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كېلەر ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلغاندا ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى چوقۇم ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ۋە بۇنى ھېچقاچان تۈگىگەن بىر دېلو دەپ قارىمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن".
خەلىقئارا ئىنكاسلار
گېرمانىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە،" ھۈسەيىن جېلىل ئۆتكەن يىلى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن بېرى خىتاي-كانادا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ جىددىيلىشىۋاتقانلىقى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كانادا پارلامىنتىنىڭ ئۆتكەن يىلى سىنتەبىر ئېيىدا تىبەتنىڭ داھىسى دالاي لاماغا كانادانىڭ پەخرى پۇقرالىقىنى بېرىشى ۋە كانادا باش مىنستىرى ستىفان ھارپەرنىڭ نويابىر ئىيىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلىشى بىلەن تېخىمۇ يېرىكلەشكەنلىكى" تەكىتلەنگەن.
كانادادا چىقىدىغان "دﯤ ھامىلتون سىپەكتېتور" گېزىتىنىڭ خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى مۇددەتسىئىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، خەۋەردە ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى ۋە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتكى ئەھۋالىغا دېگەندەك كۆڭۆل بۆلمەيۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلگەن، كانادا گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە،"خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى كىرىستىيانسىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ 11- سىنتەبىردىن كېيىن خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى باشلاتقان ئۇرۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇش، ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇپ-قاماش ھەتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخي ۋە مىللىي كىمكلىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن، بۆگۈن ھەتتا ھېچقانداق بۆلگۈنچى ئىدىيىسى بولمىغان ئۇيغۇرچە كىتاپلارنىمۇ چەكلىمەكتە. 1949- يىلى شىنجاڭنىڭ خىتاي كوممونىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىدىن بېرى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەمسىتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىلماقتا" دەپ ئەيتىلغان.
ھۆسەيىئىن جېلىلنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە، ب ب س تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەردە، خىتاي سوتىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھۈسەيىن جېلىلنى، "خىتاينى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان" ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلەرگە قاتناشقان دېگەن جىنايەت بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى، كانادا تاشقى ئىشلار مىنستىرى پىئېتەر ماككاينىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقى، بۇ مەسىلىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە زىيان بەرگەنلىكى تەكىتلىگەنلىكى، ئەسكەرتىلگەن.
ب ب س نىڭ خەۋىرىدە يەنە، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ۋە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بېرى بېيجىڭدىن مۇستەقىل ياشاشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى دەپ قاراپ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا دەپ، ئەيىبلەۋاتقانلىقى، بىلدۈرۈلگەن.
فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ ھۆكۈمنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق غەزەبلەندۈرگەنلىكىنى، كانادا تاشقى ئىشلار مىنستىرى پېتەر ماككاينىڭ، كانادا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بولۇپمۇ، بىر كانادا پۇقراسىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىدە ھېچنېمىگە يول قويمايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنىڭ خەلقئارا جەنۋە كېلىشىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى، تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھۈسەنجان جېلىلغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىشى تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
- "بىز بۇ دېلونى شۇنداقلا بولدى قىلمايمىز "
- كانادادا بەش نەپەر خىتاي ساختا گۇۋاھنامە ياساش بىلەن قولغا ئېلىندى
- كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جىلىل مۇدەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
- كانادا ھۆكۈمىتى، كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جىلىلنىڭ مۇدەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى
- خىتاي دائىرلىرى ھاكىمىيەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئەندىشىسى بىلەنلا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلماقتا
- خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كانادادا ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدە نىمىلەرنى دېدى؟
- كانادا مەتبۇئاتىدا ھۈسەيىن جېلىل
- كانادا سودا ۋە مالىيە مىنىستىرلىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى
- كانادانىڭ ئىككى مىنىستىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سەزگۈر سىياسىي مەسىلە مەۋجۇت شارائىتتا خىتاينى زىيارەت قىلدى