
خىتاي ھۆكۈمىتى "تېررورچى، " دەپ ئەيىبلىگەن ۋە بۇ ۋەقە خىتاي - كانادا ئارىسىدىكى دىپلوماتىك سۈركىلىشكە سەۋەبچى بولغان ئۇيغۇر كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سوتى ئاخىرى 2- فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. بۇ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنى ئۆتكەن يىلى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەن شۇنداقلا خىتايلارنىڭ ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر جايدا مەخپىي تۇتۇپ تۇرىۋاتقان 8 ئايدىن بېرى، تۇنجى قېتىم سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ چىقىشىدۇر.
ھۈسەيىن جېلىل 8 ئايدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۇرۇغ – تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشكەن
خىتايلار ھۈسەيىن جېلىلنى دۆلەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر مەخپىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىۋاتقان بولۇپ، شۇ كۈنى ئۇنى سوت مەيدانىغا مەخپىي ساقچىلار ياللاپ ئاپارغان شۇنداقلا سود خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا مەخپىي ئېچىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قەشقەردىكى ئانىسى، چوڭ ئوغۇلى ۋە ئۇرۇغ - تۇققانلىرىنىڭ سوت مەيدانىدا ھازىر بولۇشىغا رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كانادانىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىغا سوت كۈنى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىگەن. بۇ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان 8 ئاي مابەينىدە تۇنجى قېتىم ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى كۆرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادادىكى ئائىلە تاۋاباتى خىتاي دائىرىلىرىنى ھۈسەيىن جېلىلگە بۆھتان چاپلاش ۋە پاكىتسىز قارىلاش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادادىكى خانىمى كامىلە تىلەندىبايىۋانىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھۈسەن جېلىل 5 يېرىم سائەت داۋاملاشقان سود جەريانىدا خىتاي تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدىكى ئەيىبلىشىنى رەت قىلغان شۇنداقلا ئىقرارنامىسىنىڭ تەن جازاسى ئاستىدا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سوتقا كانادا تەرەپتىن ۋەكىل قاتناشتۇرۇلمىغان
كانادا باش مىنىستىرى ستىپان خارپېر ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بېيجىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ كانادا ۋەتەنداشلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 1 - ئايدا كانادا سودا مىنىستىرى دەيۋىد ئېمېرسىن ۋە مالىيە مىنىستىرى فلاخىرتىيلار خىتاينى زىيارەت قىلغاندا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ بىر كانادا پۇقراسى بولۇش سۈپىتىدە كانادا ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرۇشىشىغا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن جۈمە كۈنكى سوتتا بېيجىڭدىكى كانادا ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاكالەتچىسى ھازىر بولالمىدى. ئۇ، كانادا ئەلچىخانىسىدىن بىر كىشى سوتتا ھازىر بولۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، لېكىن كانادا ھۆكۈمىتىدىن ۋەكىل ئەۋەتىلمىدى، "دەيدۇ.
خىتاي دائىرىلىرى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئادۋوكات تۇتۇش تەلىپىگە پىسەنت قىلمىغان
كامىلە خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى پات يېقىندا سوت ئېچىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، لېكىن خىتايلار كانادا تەرەپكە سوتنىڭ جۈمە كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرمىغان. كامىلە خانىم رادىئومىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئادۋوكاتىنى ھۆكۈمەت تەرەپ تەيىنلىگەنلىكى، ئۇنىڭ ئادۋۇكات تۇتۇش تەلىپىگە سوت مەھكىمىسى پىسەنت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي قوش دۆلەت تەۋەلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. خىتاينىڭ گراجدانلار قانۇنىدا چەتئەل تەۋەلىكىگە ئۆتكەن جوڭگو پۇقرالىرىنىڭ خىتاي دۆلەت تەۋەلىكى ئاپتوماتىك بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى يازغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا گراجدانى ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. كامىلە خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تۇغقانلىرى تېلېفوندا ئۇنىڭغا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سالامەتلىكى يامان ئەمەس كۆرۈنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، سوت جەريانىدا تەپتىشلەر ھۈسەيىن جېلىلنى پاكىتلار ئاساسىدا ئەيىبلىمىگەن، بەلكى كانادانىڭ قايسى شەھىرىدە تۇرىسەن؟ قانچە بالاڭ بار؟ ئۇيغۇرلار چەتئەلدە نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ ؟ . . . . . دېگەنگە ئوخشاش ئاددى سۇئاللار سورىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنى" تېرورچى، " دەپ ئەيىبلىگەن شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى خەلقئارا تېرورىزىمنىڭ بىر قىسىمى، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى خەلقئارا تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشنى باھانا قىلىپ، ئۇيغۇرلاررنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئۇيغۇر سىياسى ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە.
خىتاي ئەمەلدارى: بۇ دىلو توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەسمەن، "
بىز ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سوتلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ كانادادىكى ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئەلچىخانا خادىمى شاھىمىزغا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئوتتاۋادفىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارى، "بۇ دىلو توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەسمەن، " دەيدۇ.
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھۈسەيىن جېلىل سوتچىلاردىن بولمىدى، دېگەندە ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن ئادۋوكاتنىڭ كەسپىي لاياقەتنامىسىنى كۆرۈپ بېقىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان. مەزكۇر جەمئىيەت بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سوتلانغانلىقىنى خىتايلار "نومۇس قىلارلىق" ۋەقە، دەپ ئەيىبلىدى. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن ئادۋوكاتى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە " ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋە خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇشىدا ھىچ بىر سەۋەبنى كۆرۈپ يىتەلمىگەنلىكى" ھەققىدە سۆزلىگەن. (ئەركىن)