خىتايلارنىڭ، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىق خەۋىرى تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى لىيۇ جىيەن چاۋنىڭ باياناتىدىن قارىغاندا ھۈسەيىن جېلىلغا ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش، تېرورلۇق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ۋە تېررور تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىشقا ئوخشاش جىنايەتلەر ئارتىلىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسى ۋە سىياسى ھوقۇقىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلگەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەر دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئورۇن ئالغاندىن كېيىن تۈرك دۇنياسىدىكى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيەتلىرى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى. ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەدە پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيتىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە گۇناھنىڭ زور قىسمىنىڭ ئۆزبېكىستاندا ئىكەنلىكىنى، ئۆزبېكىستاننىڭ كانادا پۇقراسى بولغان ھۈسەيىن جېلىلنى خىتايغا ئەمەس، كاناداغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "بىز 2006-يىلى 3-ئايدا ھۈسەيىن جېلىلنى ئۆزبېكىستاننىڭ خىتايغا قايتۇرپ بېرىشىگە قارشى چىققان ئىدۇق. بۇنىڭ سەۋەبى بىز مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىمىزدا، ھۈسەيىن جېلىلنى ئەگەر بىر دۆلەتكە قايتۇرۇپ بېرىشكە توغرا كەلسە، ئۆزى پۇقراسى بولغان كاناغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى دىگەن ئىدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى تېررور تەشكىلاتى قۇرۇپ ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان، دەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىپتۇ. ئەگەر ھەقىقەتەن تەشكىلات قۇرۇپ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى دۇنياغا كۆرسىتىشى كېرەك. قايسى تەشكىلاتنى قۇرۇپتۇ، قانداق تېررور پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنپتۇ، بۇلارنى ئوچۇق دىيىشى كېرەك. خىتايلارنىڭ ئۇنى ھېچكىمگە كۆرسەتمەي تۇرۇپ بۇنداق ھۆكۈم بېرىشى ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ."
ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ھۈسەيىن جېلىل ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمىنى تۈرك ھۆكۈمىتىگە ۋە پارلامېنتىگە مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دىدى: "بىز ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ۋە ھۈسەنجان جېلىل ھەققىدە بىر دوكلات ھازىرلاپ تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسسيونىغا سۇنۇپ ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز."
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يوليورۇقى بويىچە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىستراتىگىيە مۇتەخەسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ كانادا -خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ئۈسىتدە توھتالدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى يېقىندىن تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھېچقانداق بىر تېرور پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقىنى، ئۇ پەقەت دىندار بىر بالا بولغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا بۇ جازانى بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى. شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش سېكرىتارى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بۇنىڭ خىتايلار ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېرورىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى. (ئەركىن تارىم)