Stephen Harper: كانادا ئۆز پۇقراسىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدايدۇ


2007.02.12

stephen-harper.jpg
كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper ئەپەندى 2006 – يىلى 21 – سېنتەبىر كۈنى ب د ت نىڭ 61 – قېتىملىق يىغىنىدا. AFP

كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper جۈمە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا كانادانىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە داۋاملىق دىققەت قىلىدىغانلىقى، كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا-ئىختىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلمايدىغانلىقى شۇنداقلا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. Stephen Harper مۇخبىرلار كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ھەققىدە نۇقتىلىق توختالدى.

پەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزىلىدىغان ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدىكى سوتقا قاتنىشىش تەلىپىنى رەت قىلغان، شۇنداقلا كانادادا زىيارەتتە بولىۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى خە يافەي ئوتتاۋادا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، كانادا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "ئەگەر ئوتتاۋا بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى يەنە داۋاملىق ئاشكارا تەنقىت قىلسا ۋە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقرالىقىدا چىڭ تۇرسا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا-ئىختىسادىي مۇناسىۋەتلەر زىيانغا ئۇچرايدۇ، دېگەنىدى. "يەرشارى پوشتىسى" گەزىتى خىتاي نىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى سودىدا كانادانى تەھدىت قىلدى، دەپ خەۋەر قىلدى.

Stephen Harper: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تېررورچى، دەپ ئەيىبلىشىڭ پاكىت ئاساسى يوق

Stephen Harper مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۆزبېكىستاندىن ئېلىپ كېتىلىشىنىڭ قانۇنسىز ھەركەت ئىكەنلىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى تېررورچى، دەپ ئەيىبلىشىدىكى پاكىت ئاساسلىرىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ:

"ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندى كانادا پاسپورتى بىلەن ئۆزبېكىستانغا زىيارەتكە بارغاندا قولغا ئېلىندى ۋە قانۇنسىز يول بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئېلىپ كېتىلدى. بىز بۇ نۇختىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە باغلاپ، سوت قىلىۋاتىدۇ ئامما ئۇلار ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ھەققىدە كانادا ھۆكۈمىتىگە ھەرقانداق بىر دەلىل –ئىسپات كۆرسەتمىدى"، دېدى.

مېنىڭچە، كانادا پۇقراسى ناھەقىلىككە ئۇچرىغاندا ھەمدە كانادا پۇقراسىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش زۆرۈر بولغاندا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقراسىنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، دەپ قارايمەن. ھۆكۈمىتىمىز ئوز پۇقراسىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

Stephen Harper خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقرالىق سالاھىيىتىنى رەت قىلىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھەركەت ئىكەنلىكى ۋە ۋيېتنامدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىختىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا بۇ ھەقتە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ:

"خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقرالىق سالاھىيىتىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە ھۈسەيىن جېلىلغا بىزنىڭ قانۇنىمىز ۋە خەلقئارا قانۇنلار بويىچە كانادا پۇقراسىلىق سالاھىيىتى بېرىلگەن. بىز خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرىگە بۇ ھەقتىكى نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ كەلدۇق. مەن خىتاي دۆلەت رەئىسى بىلەن ئۇچراشقاندىمۇ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بىز بۇ مەسىلىگە داۋاملىق كۆڭۈل بولىمىز"، دېدى.

Stephen Harper 10-نەچە يىللىق ھاكىمىيەتتىكى جەريانىدا خىتايغا يېقىن سىياسەت يۈرگۈزگەن لىبېرال پارتىيىسىنىڭ ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى داۋاملىق ئاشكارا تەنقىت قىلىۋېرىپ، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە كانادانى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، دېگەن ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ:

"بەزى ئۆكتىچىلەر خىتاي ئىنتايىن مۇھىم دۆلەت، بىزنىڭ بەزى مەسىلىلەرگە ئالاھىدە نارازىلىق بىلدۈرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلار نىمە قىلسا قىلىۋەرسۇن . سۇنىڭ ئېقىشىغا كۈننىڭ پېتىشىغا، دېگەندەك يول تۇتساق كۈنلەرنىڭ بىرىدە خىتايغا تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلىرىمىزنى ساتالايمىز، دەپ قارايدۇ. ئامما مەن بۇ قاراشنى مەسئۇلىيەتسىزلىك، دەپ تونۇيمەن"، دېدى.

Stephen Harper:كانادا پۇقراسىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدايدۇ

Huseyin-Jilil.jpg
كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جىلىل. ئۇ ھازىرغىچە خىتاي تۈرمىسىدە .

Stephen Harper خىتايدا تېررورچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

"مېنىڭچە، كانادا پۇقراسى ناھەقىلىككە ئۇچرىغاندا ھەمدە كانادا پۇقراسىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش زۆرۈر بولغاندا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقراسىنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، دەپ قارايمەن. ھۆكۈمىتىمىز ئوز پۇقراسىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ".

كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودا مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلىشى خىتايغا پايدىسىز

Stephen Harper خىتاينىڭ سودا تەھتىدىدىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى زىيانغا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقرالىق سالاھىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ:

"مەن بۈگۈن خىتاي ئەمەلدارى تىلغا ئالغان كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىمەن. كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسىدا غايەت زور قىزىل رەقەم كۆرۈلمەكتە. كانادا بىلەن ئادىل سودا ئېلىپ بېرىش خىتاينىڭ ئۆزىگىمۇ پايدىلىق، ئەگەر ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋەتلىرى زىيان ئۇچرىسا، ئەڭ چوڭ زىياننى يەنىلا خىتاي تارتىدۇ. بىز كانادانىڭ قىممەت قارىشىنى كېڭەيتىش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، بولۇپمۇ كانادا پۇقراسىنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداشنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، خىتاي بىلەن سودا قىلىمىز"، دېدى.

Harper نىڭ ئەسكەرتىشىچە، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ھەربىر بىر دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىكەنلىكى ئىكەن، كانادا بۇ نۇقتىدا ھەرقانداق بىر دۆلەتكە يول قويمايدىكەن.

كانادادا چىقىدىغان "Global and Mail" يەنى "يەرشارى پوشتىسى" گېزىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشكە قارىغاندا 62% كانادالىق Stephen Harperنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاشكارا تەنقىت قىلىش سىياسىتى قوللايدىكەن. “National Post” يەنى "دۆلەتلىك پوشتا" گېزىتىنىڭ تەكشۈرىشىچە كانادا سودا ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ 69% Stephen Harperنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا تەنقىت قىلىشى خىتاي خەلقىغە تېخىمۇ پايدىسى بولىدۇ، بۇ سىياسەت خىتاي كانادا ئوتتۇرىسىدىكى سودىغا زىيان بەرمەستىن، بەلكى يىراق مەزگىلدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ياخشىلىنىشى ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دەپ قارايدىكەن.

كانادا پۇقراسى بولغان ھۈسەيىن جېلىل خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ، بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇرۈمچىدە سوت قىلىنغانىدى. كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشتىن كېلىپ چىققان زىددىيەت-- تېخىمۇ چوڭقۇرلاشماقتا. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.