كانادا ھۆكۈمىتى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھۆسەيىن جىلىل مەسىلىسىدە ئۆزبېكىستانغا بېسىم ئىشلەتمەكتە
2006.04.28
كانادا ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەردىن ياردەم قوبۇل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىگە ھۆسەيىن جىلىلنى قويۇۋېتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتمەكتە.
كانادا ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ بىلدۇرىشىچە، 90 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوز يۇرتىدىن قېچىپ چىققان، 2001 - يىلى خەلقئارالىق سىياسى پاناھلانغۇچى سالاھىيتى بىلەن كاناداغا كېلىپ يەرلەشكەن ھەمدە كانادا پۇقراسى بولغان ھۆسەيىن جىلىلنىڭ ئۆزبېكىستان دائىرلىرى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەگەر ئۇ خىتايغا قايتۇرۇلسا، قىيىن - قىستاققا ئېلىنىش ياكى ئۆلۇم جازاسىغا ھوكۇم قىلىنىشى مۇمكىنچىلىكىنى ئەسكەرتمەكتە. شۇڭا كانادادا پۇقراسى ھۆسەيىن جىلىلنى خىتايغا قايتۇرۇش زادىلا قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋال ئىكەن. كانادا ھۆكۈمىتى ھۆسەيىن جىلىلنى كانادادىكى ئىسلام دىنىنىڭ لېدىرلىرىدىن بىرى قارايدۇ.
كانادا پارلامېنتىدا تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر ھەققىدە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى
27 - ئافرىل كۈنى ھۆسەيىن جىلىل ئۆزبېكىستاندا قولغا ئاتىغانلىقىغا بىر ئاي تولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالدىنقى كۈنى كانادا پارلامېنتى بىناسىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلۈمىنىڭ باشچىلىقىدا،ئۇيغۇر كانادا جەمئىيىتى،كانادا تىبەت كومىتېتى قاتارلىق 12 ئىجتىمائىي تەشكىلات بىرلىكتە ھۆسەيىن جىلىل مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
كانادانىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى سوز قىلدى
ھۆسەيىن جىلىلنىڭ ئۆزبېكىستان دائىرلىرى تەرىپىدىن، سىياسى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنىشى ۋە ھېچقانداق ئىزاھات بېرىلمەستىن تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ئۇچىغا چىققان زوراۋانلىق ھەركەت.
مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا كانادا باش مىنىستىرى ستېفىن خارپەرنىڭ پارلامېنت سېكرېتارى جونسون كېننەي كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆسەيىن جىلىل مەسىلىسىگە جىددى قارىغانلىقىنى، ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقنىڭ كۆرسىتىلىدىلىغانلىقىنى بايان قىلىپ: "ھۆسەيىن جىلىلنىڭ ئۆزبېكىستان دائىرلىرى تەرىپىدىن، سىياسى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنىشى ۋە ھېچقانداق ئىزاھات بېرىلمەستىن تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ئۇچىغا چىققان زوراۋانلىق ھەركەت، دېدى.
ئۇ سۆزىدە ھۆسەيىن جىلىل تۇتۇلغاندىن كېيىنكى ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان كانادانىڭ دىپلوماتىيە خادىملىرى ئۆزبېكىستان دائىرلىرى بىلەن ئۇنىڭ كاناداغا قايتىشىغا ئىجازەت بېرىش ھەققىدە سۆزلىشىپ كەلگەنلىكىنى، ئامما ھازىرغىچە بۇنىڭدىن ھېچقانداق نەتىجىنىڭ بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە "بىز ئۆزبېكىستان دائىرلىرىنى خەلقئارالىق قانۇن پىرىنسىپلاردىكى مەجبۇرىيىتى بويىچە، كانادا كونسۇلخانا خادىملىرى بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىشقا چاقىرىپ كەلدۇق ۋە شۇنداق قىلىشقا داۋاملىق دەۋەت قىلىمىز"، دېدى.
كانادا باش مىنىستىرىنىڭ پارلامېنت سېكرېتارى جونسون كېننەي نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوتتاۋا ھۆسەيىن جىلىلنىڭ قۇيۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇتۇن كۈنلۈك دېپلوماتلارنى تاشكەنگە ئەۋەتىش ۋە موسكۋا ئارقىلىق ئۆزبېكىستانغا بېسىم ئىشلىتىش قارارىغا كەلگەن. بىز بارلىق دىپلوماتىك ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزبېكىستان دائىرلىرىگە ئۇنى قۇيۇپ بېرىشكە بېسىم ئىشلىتىمىز. بىز بۇ ئىشتا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتۇق ۋە ئېرىشىۋاتىمىز. سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتسام، مەركىزى ئاسىيادا بىزنىڭ رەسمىي ئورگانلىرىمىز ئىنتايىن ئاجىز ئەھۋالدا. بىزنىڭ ئۆزبېكىستاندا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا دۆلەتلەردە ئەلچىخانا ۋە كونسۇلھانىلىرىمىز يوق دېدى.
كانادا خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىستېمىلىق سىياسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويدى
مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper نىڭ پارلامېنت سېكرېتارى جونسون كېننەي خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ "خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا جازالاشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە سىستېمىلىق زىيانكەشلىكنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۆسەيىن جىلىل كانادا تەرىپىدىن سىياسى پانالىق سالاھىيتىگە ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر بولغانىدى"، دەيدۇ.
كانادا ئوز پۇقراسىنىڭ ھوقۇقلىرىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلارنى ئەيىپلىشى كېرەك
مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلۈمىنىڭ باش سېكرېتارى ئالەكس نەۋەدىن كېيىن سوز ئالغان ھۆسەيىن جىلىلنىڭ ئادۋوكاتى Chris Maclean بۇ مەسىلىدە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوز مەيدانىنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويىدىغان ۋاقتى يېتىپ كۈلگەنلىگىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: "مەنچە كانادا ھۆكۈمىتى ھەمىشە تىم - تاسلىق دىپلوماتىيىسىنى يۈرگۈزىدۇ. ئۆزى سەھنىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتىۋېلىپ، باشقىلار مەن بۇنى قىلىپ بېرەي، سەن بۇنى قىلىپ بەر، دەپ سودا قىلغىلى باشلىغاندا ئاندىن رەسمىي ئىشقا كىرىشىدۇ. مېنىڭچە بۇ خىل دېپلوماتىيە ئۇسسۇلى ھۆسەيىن جىلىل مەسىلىسىگە كەلگەندە كارغا كەلمەيدۇ. بولۇپمۇ، كانادا ئوز پۇقراسىغا دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىغاندا، ئاۋازىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، دەخلى تەرۇز قىلغۇچىلارنى ئاشكارا ئەيىپلىشى كېرەك. ھۆسەيىن جىلىل پەقەتلا كانادا پۇقراسىدۇر، ئۇنىڭ ئىككىنچى بىر دۆلەت تەۋەلىكى يوق. خىتاينىڭ بىر كانادالىقنى كانادادا بەھرىمەن بولىدىغان سوز مەتبۇئات ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە جەمئىيەتلەرگە ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىتايغا ئېلىپ بېرىپ جازالايدىغانغا ھىچ ھەققى يوق. ئۆزبېكىستاننىڭ كانادا پۇقراسىنى ئىككىنچى دۆلەتكە ئۆتكۈزۇپ بېرىشكە تېخىمۇ ھەققى يوق. ئۇنداق بولۇشىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، دېدى.
بالىلىرىم دادىسىنىڭ نەدىلىكىنى سىلەردىن سوراۋاتىدۇ؟
ھازىر يولدىشىم ئۆزى قاچقان دۆلەتكە ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىش خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا. مەن سىلەردىن ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭلارنى سورايمەن. مېنىڭ دۇنياغا يېڭىدىن كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان بالام ۋە ئىككى ئوغلۇم دادىسىنىڭ ھازىرغىچە نىمە ئۈچۈن ئۆيگە قايتىپ كېلەلمىگەنلىكىنى سىلەردىن سورىماقتا.
مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا سوز قىلغان ھۆسەيىن جىلىلنىڭ خانىمى كامىلە تەلەندىبائەۋا يولدىشىنىڭ ئۆزبېكىستاندا قولغا ئېلىش جەريانلىرىنى ۋە ئۆزبېكىستان دائىرلىرىنىڭ يولدىشى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىجازەت بەرمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ:
"بىز ئامانلىقىمىز ۋە بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەش ئۈچۈن كاناداغا كەلگەنىدۇق. بىز كانادادا ئەركىن سوز قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىمىز ۋە دەككە -دۈككە ۋە قورقۇنچتىن قۇتۇلىمىز دەپ ئويلىغانىدۇق. ھازىر يولدىشىم ئۆزى قاچقان دۆلەتكە ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىش خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا. مەن سىلەردىن ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭلارنى سورايمەن. مېنىڭ دۇنياغا يېڭىدىن كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان بالام ۋە ئىككى ئوغلۇم دادىسىنىڭ ھازىرغىچە نىمە ئۈچۈن ئۆيگە قايتىپ كېلەلمىگەنلىكىنى سىلەردىن سورىماقتا، دېدى.
مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنى ئوز ئىچىگە ئالغان 12 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ كانادا باش مىنىستىرىدىن ھۆسەيىن جىلىلگە ياردەم قولىنى سۇنۇش، ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بولۇش تەلەپ قىلىنغان ئۇچۇق خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلۈمىنىڭ باش سېكرېتارى ئالېكس نېۋە، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيەت، سىياسى ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن قاتتىق چەلىنىۋاتقانلىقى، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورىست مۇئامىلىسى كۆرۈۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ھەر خىل بېسىملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. (كامىل تۇرسۇن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھۈسەنجان قارىمنىڭ ئايالى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىدىن نارازى بولدى
- كامىلە خانىم ئۆزبېكىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان يولدىشى ھۆسەيىن جېلىل ھەققىدە توختالدى
- كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئېلىشقا ئادەم ئەۋەتتى
- كانادا تەۋەلىكىدىكى بىر ئۇيغۇر ئۆزبېكىستاندا قولغا ئېلىندى
- غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان يىغىن مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسى زالىدا ئېچىلدى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشتا تولۇق سەۋەپلەرگە ئىگە
- كانادا 50 نەپەر ئۆزبېك مۇساپىرنى ئورۇنلاشتۇرماقچى
ھۆسەيىن جىلىل تەرمىلىرىدىن
- ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج مەسىلىسىدە دۇچ كەلگەن توسالغۇلىرى
- خىتاي چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي زاتلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە
- ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋەزىيىتى زادى قانداق؟
- ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدا دىنىي رادىكالىزىم مەۋجۇتمۇ؟
- ھەجگە بېرىش يولىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىلىرى ۋە نارازىلىقلىرى