ھۈسەيىن جىلىل ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈرمىسىدىن ئايرىم خانىغا يۆتكەلدى

0:00 / 0:00

ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى، بىر ئايدىن بېرى ئۆزبېكىستاندا تۇرۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جىلىلنى جۈمە كۈنى تاشكەنتدىكى ئۆزبېكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈرمىسىدىن باشقا بىر ئورۇنغا يۆتكىگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر ھۆسەيىن جىلىل تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئورۇننىڭ، بۇرۇنقى ئىچكى ئىشلار تۈرمىسىگە قارىغاندا، شارائىتى ياخشىراق ئىكەن. كانادا ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆسەيىن جىلىل مەسىلىسىدە باسقان بىر قەدىمى دەپ قارىماقتا.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.