كانادا جامائىتى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە

0:00 / 0:00

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بىر ئاي بۇرۇن تۇتقۇن قىلغان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق پائالىيەتلەرگە چېتىشلىقى بار دەپ ئەيىبلىدى. ئەمما ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى ۋە غوللۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاينىڭ يوليورۇقى بىلەن ئۇنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىمنى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلۈمىنىڭ باش سېكرىتارى ئالكېسنى زىيارەت قىلدى.