كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەنجان جېلىل مەسىلسىنى دىپلوماتىك يوللار بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە

0:00 / 0:00

ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى بۈگۈن كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جىلىلنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، ئۆزبېكىستان بىر نەپەر تېررورچىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى، ئۇ خىتاي تەرىپىدىن مۇھىم جىنايەتچى دەپ قارالغان، خەلق’ئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكلاتى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان شەخس ئىدى، دەپ يېزىلغان.

مەتبۇئاتلاردا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل دىپلوماتىك ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھۆسەيىن جېلىلنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇن سىلەرگە مەلۇمات بېرىدۇ.