كانادا پارلامېنت ئەزاسى ھۈسەيىن جىلىل مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە


2006.07.19

كانادا پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان لىبېرال پارتىيىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، پاۋل سىزابۇ ھۈسەيىن جىلىل مەسىلىسىگە ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كانادا سىياسەتچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ھازىرغىچە ئۈچ قېتىم ھۈسەنجان جىلىل مەسىلىسىنى كانادا پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ھۆكۈمەتنى ھۈسەنجان جىلىل مەسىلىسىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ دەپ، ئەيىبلىگەن. ئۇ يېقىندا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەنجان جىلىل ھەققىدە مەلۇمات بېرىشىنى ھەمدە ئۇنى قانۇنى مەسلىھەتچىسى بىلەن كۆرۆشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.