خىتاي دائىرىلىرى كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جىلىلنى خىتاي پۇقراسى دەپ مۇئامىلە قىلماقتا


2006.07.21

كانادا پۇقراسى ئۇيغۇر ھۈسەيىن جىلىلنىڭ ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتاي دائىرىلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھۈسەيىن جىلىلنى كاناداغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۇچۇن قولىدىن كېلىشىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرچە ھېچقانداق بىر نەتىجە ھاسىل بولمىدى. كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ھۈسەيىن جىلىلنى كانادا پۇقراسى ئەمەس، بەلكى خىتاي پۇقراسى دەپ قارايدىكەن.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.