كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا

0:00 / 0:00

كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن بېرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بارماقتا، بولۇپمۇ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كانادا بۆلىمى، ئۇيغۇر كاندا جەمئىيىتى ۋە تورونتودىكى خىتاي دېموكراتىيە جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە.

مەزكۇر تەشكىلاتلار يېقىندا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى، دەرھال كاناداغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، كانادادا تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.