0:00 / 0:00
كانادا مەتبۇئاتلىرى يېقىندىن بۇيان ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جىلىل مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بەرمەكتە. بولۇپمۇ ھۇسەيىن جىلىلنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلمەكچى بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، كانادا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا باشلىغان.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، كانادادىكى ئىختىيارىئى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.