تۈركىيىدە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى ۋە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىلدى
2006.08.21
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئەنقەرەدە ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسى ئۈستىدە خىتايغا نارازلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى ھەم مۇخبىرلارغا بايانات بېرىلدى.
8-ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنقەرەنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىدىن بىرى بولغان ساكاريا كوچىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشقا تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەر ۋە ئەزالىرى، ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە كۆپلىگەن ئامما قاتناشتى. نامايىشتىن كېيىن يەنە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ زالىدا ھۈسەنجان جېلىل ۋە شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى ۋە ئەنقەرە شۆبە باشلىقى ھەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گېرمانىيە ۋە نورۋېگىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش
- كانادا دائىرىلىرى ھۈسەيىن جىلىل مەسىلىسىگە باشقىچە كۆڭۈل بولمەكتە
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا
- ھۈسەيىن جىلىلگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش خەلقئارا قانۇنغا تۈپتىن خىلاپ
- ھۈسەيىن جىلىل ۋەقەسى ئۇيغۇرلارغا نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟