0:00 / 0:00
خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى قولغا ئېلىپ، ھازىرغا قەدەر ئۇنى كانادا دۆلىتىگە قايتۇرۇپ بېرىش ياكى ئۇنى جازالاش ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خانىمى كامىلە خانىم بۇ مەسىلىنىڭ تېزرەك بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، كامىلە خانىمنىڭ بوشانغىنىغا تېخى بىر ھەپتە بولغان.بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەمەت توختى ۋە كامىلە خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.