كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندىمۇ ؟

0:00 / 0:00
Huseyin-Jilil.jpg
ھۈسەيىن جېلىل

كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل، بۇ يىل 3 ‏- ئايدا ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن، "تېررورچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، قىرغىزىستاندا خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان" دەپ ئەيىبلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى بولسا، ھۈسەيىن جېلىلنى كانادا پۇقراسى ئەمەس، بەلكى خىتاي پۇقراسى دەپ قاراپ، ئۇنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئۆز دۆلەت قانۇنلىرى بويىچە سوتقا تارتىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

بىراق، كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار، خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھەرىكەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك ھۈسەيىن جېلىلنى دەرھال كاناداغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

بىز ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ھەقىقەتەن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىش مەقسىتىدە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا تېلېفۇن ئۇردۇق. ئەپسۇس ئۇلارنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتتى.

كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسگە ئىزچىل تۈردە جىددىي پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ.

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم، ھەمراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆلۈم جازاسى ۋە ياكى قاماق جازاسى بېرىدىغان ھوقۇقىنىڭ يوقلىقىنى، يولدىشىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قەشقەردىكى ياشانغان ئانىسى، ئۇنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئانىسغا تېلېفۇن ئۇردۇق، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ بىر تۇغقان ئاچىسى خەيرىگۈل خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ، ئائىلە تاۋاباتلىرى يەنە، بىز جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىغا ئىشىنىمىز، شۇڭا ئىنىمىزنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىگە بېرىپ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئېنىق ئەھۋال ئۇقۇپ بېقىشنى قارار قىلدۇق دېيىشتى.