كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇش پائالىيىتى داۋاملاشماقتا


2006.09.20

كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ كانادا پۇقرالىق سالاھىيىتىنى رەت قىلىپ، ئۇنى ئۆز قانۇنلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، ھۈسەيىن جېلىلنى تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ قىرغىزىستاندا ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايەتلىرىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئەمما ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيىبلىگەندەك تېررورچى ئەمەسلىكىنى، ھەم قىرغىزىستاندا ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم "مېنىڭ ئېرىم ھېچقاچان تېررورچى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچى" دېدى. كامىلە خانىم يەنە ئادۋوكاتى بىلەن بىرلىكتە ھۆسىيىن جېلىل ھەققىدە ماتېرىيال توپلاپ، ئۇنىڭ قىرغىزىستاندا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى كۈندىلىك خاتىرە سۈپىتىدە رەتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كامىلە خانىم سۆزىدە يەنە، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئانىسى، ئاكىسى ۋە ھەدىسى، ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە، بىر قانچە تۈرمىگە بېرىپ ئۇنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بىز كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، كاتىبات ئىشخانىسىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھۆسىيىن جېلىل دىلوسى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىئالوگىدا يېڭى بىر ئۆزگىرىشنىڭ بار ‏- يوقلىقى ھەققىدە سۈرۈشتۈردۇق.

كاتىبات ئىشخانىسىدىكى خادىم بىزگە، مەزكۇر دىلوغا مەسئۇل كىشىلەرنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىر قانچە كۈن ئىچىدە بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بېرىدىغانلقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى، ھۆسەيىن جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى بىر كۈنمۇ توختاتمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭمۇ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئادۋوكاتىغا ھەمكارلىشىپ، ماتېرىيال ھازىرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى سورىدۇق.

ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، "مېنىڭ بۇ دىلو ھەققىدە خەۋىرىم يوق ئىكەن، سىز ئەلچىخانىمىزدىكى باشقا خادىملاردىن بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلىپ بېقىڭ" دەپ، بىزگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.