
كانادا پارلامېنتىدىكى تىبەت دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بولغان Peggy Nash ھۈسەيىن جېلىل ئۆزبېكىستان دائىرلىرى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، بۇ ھەقتە ئۆز نامىدا بايانات ئېلان قىلىپ ۋە ماقالە يېزىپ، كانادا جامائىتىنى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسىدۇر. كانادا پارلامېنتىدىكى تورت چوڭ پارتىيىنىڭ بىرى بولغان يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ھەققىدە ئىككى قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتى ۋە كانادا باش مىنىستىرىنى بۇ مەسىلىگە جىددى مۇئامىلە قىلىشقا دەۋەت قىلغان ۋە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بىر ئۆمەكنى دەرھال خىتايغا ئەۋەتىشنى تەشەببۇس قىلغانىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز پارلامېنت ئەزاسى Peggy Nash بىلەن ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان Peggy Nash كانادا يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىغىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
"بىز بىرىنچىدىن، ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىنىڭ زادى قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلاردىن تەشكىل قىلىنغان بىر ئۆمەكنى دەررۇ خىتايغا ئەۋەتىشنى، ئىككىنجىدىن، كانادا باش مىنىستىرىدىن كانادا پۇقراسىنىڭ تەقدىرىگە شەخسەن كۆڭۈل بۆلۈشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىمىز. ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ئالاھىدە مەسىلە. چۈنكى ئۇ سىياسى پانالانغۇچى سالاھىيىتى بىلەن كاناداغا كەلگەن. شۇڭا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا زىياكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. دۆلىتىمىز پۈتۈن دۇنيادىن كۆچمەن ۋە سىياسى پاناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت. ئەگەر سىياسى پانالىق تىلىگۈچىلەر بۇرۇنقى دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، بۇنداق ئەھۋالدا كانادا ئوز پۇقراسىغا ياردەم قولىنى سۇنالمىسا، بۇ كانادانىڭ ئوبرازىغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ".
Peggy Nash خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى سوتلىماقچى بولغانلىقىدىن باشقا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەنلىكى، شۇڭا ئۇنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھەرخىل سۆز- چۆچەكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
"مەن فەدەرال ھۆكۈمەتنىڭ ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ نىمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ئۈنۈمى بولمايۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن. ئاما بىز ئۇلارنى بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن جىددى قاراشقا ھەمدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بۇ ھەقتە تىز ھەركەت قىلىشقا ئۈندەۋاتىمىز. كۆپلىگەن كانادالىقلار ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن كانادا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. لېكىن بىز تېخىچە ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىنىڭ زادى نەدىن نەگىچىلىكىنى بىلمەيمىز. مېنىڭچە، بۇنىڭغا پەقەت خىتايدىكى دېموكراتىك پىرىنسىپلارغا يات بولغان- ھەممىنى يەڭ ئىچىدە ئېلىپ بارىدىغان سىياسەت سەۋەپ بولىۋاتىدۇ. شۇڭا ھېلى ئۇنىڭ پات ئارىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئوتتۇرىغا چىقسا، ھېلى ئۇنىڭغا پالان يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارىلىۋاتىدۇ. بۇلارنى دەلىلەش تەسكە توختاۋاتىدۇ".
Peggy Nash خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىتىنى رەت قىلغانلىقىنىڭ خىتاي بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا قاتماللىق ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ مۇنداق دېدى:
"ئېنىق بىر نەرسە شۇكى، ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندى كانادا پۇقراسىدۇر. شۇڭا بىز، كانادا ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك دەپ قارايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قانۇنلۇق ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسى بويىچە كانادا پۇقراسى بولغان. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنى سوتلىماقچى بولىدىكەن، بىزنىڭ چوقۇم بۇنىڭدىن خەۋرىمىز بولىشى ئۇ يەردىكى قانۇنى رەسمىيەتلەر چوقۇم ئۇچۇق ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىشى شەرت. شۇندىلا كانادا بۇلارغا ئىشىنەلەيدۇ، ئەمما ھازىرقى ئەھۋال بۇنىڭ تەتۈرىسىچە بولىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل ئارقىلىق نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى بولغانلىقى ھازىرغىچە بىزگە قاراڭغۇ بولىۋاتىدۇ".
Peggy Nash خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا تەرورچى قالپىغى كەيگۈزۈشكە ئۇرىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈن بىراۋغا تەررورىست قالپىقىنى كىيگۈزۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھوقۇقىنى رەت قىلىش ئىنتايىن ئاسان. بىز بۇنداق قالپاق كىيگۈزىدىغان ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنى قانۇنى مەسلىھەتچىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشى، قانۇنى رەسمىيەتلەر بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك. بىز خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىش خاتىرىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز. خىتايدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر دىنى ئېتىقادلىرى ۋە ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچراپ كەلدى.. بىز كانادا پۇقراسى بولغان ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ ئۇلاردىن بىرى بولۇپ قېلىشىنى زادىلا خالىمايمىز".
تىبەت مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە دالاي لاماغا كانادانىڭ پەخرى پۇخرالىق سالاھىيىتىنى بەرىشنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلغانلارنىڭ بىرى بولغان Peggy Nash تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كانادادىكى كۈبەك مەسىلىسى بىلەن ئوخشاشلىقى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
تىبەتلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن كۈبەكلىكلەرنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. مەيلى قايسى خەلق بولسۇن ئۇلارنىڭ ئۆزى ھازىر تەۋە بولىۋاتقان دۆلەتتە ياشاش ياكى ئۆزلىرىنىڭ مىللى دۆلەتلىرىنى بەرپا قىلىشقا قارار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. ھازىر كۈبەك خەلقىنىڭ بۇ خىل ھوقۇقى بار. بىز تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقىغىمۇ بۇ خىل ھوقۇقنىڭ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز".