كانادا پۇقراسى ھۈسىيىن جېلىل ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلار

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى، كانادا پۇقراسى ئۇيغۇر ھۆسەيىن جېلىلنى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن چېتىشلىق دېگەن سەۋەب بىلەن قولغا ئېلىپ تا ھازىرغا قەدەر قويۇپ بەرمىدى. كانادا دائىرىلىرى بۇ مەسىلىنى جىددىي تۇتۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى دەرھال كاناداغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇنىڭغا پىسەنت قىلماي كەلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا ھۈسەيىن جېلىل ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر تۈرمىگە قامالغان بولۇپ، بىز خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، ئۇلار بۇ مەسىلىدە بىزگە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىزنى جاۋابسىز قويغان ئىدى.

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى ھۆسەيىن جىلىل مەسىلىسىگە باشتىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە توختالدى.