بېيجىڭ دائىرلىرى كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper نىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلدى


2006.11.13
stephen-harper.jpg
كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper 21 – سېنتەبىر كۈنى ب د ت نىڭ 61 – قېتىملىق يىغىنىدا. AFP

كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرلىرىدىن بۇ ئاينىڭ 18 – 19 - كۈنى ۋيېتنامدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىختىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى مەزگىلى جەريانىدا، باش مىنىستىر Stephen Harper نىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي تەرەپ بۇ تەلەپكە ھازىرغىچە ھېچقانداق جاۋاپ قايتۇرمىدى. كانادادىكى ئانالىزچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونسېرۋاتىپلار ھۆكۈمىتىدىن نارازى بولىۋاتقانلىقىنىڭ سىگنالى ئىكەن.

خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى كانادادىكى “Globe and Mail” گېزىتىگە "ھۆكۈمىتىمىز بۇ مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ. ھازىرچە، ئاخىرقى نەتىجىدىن سۆز ئېچىش تېخى بالدۇر، دېگەن. ئامما ئەلچىخانىنىڭ بۇ خادىمى خۇ جىنتائونىڭ نىمە ئۈچۈن Stephen Harper بىلەن ئۇچرىشىشقا تېخىچە قوشۇلمىغانلىقى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىگەن. يۇقىرىقى گېزىتنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، كانادا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا خىتاي دائىرلىرىدىن بۇ تەلەپتە بولغانىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىغىن جەريانىدا خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى George Bush ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى Shinzo Abe بىلەن ئايرىم –ئايرىم كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئامما كانادانىڭ تەلىپىگە جاۋاپ بېرىشنى ئارقىغا سوزۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كانادا مەتبۇئاتلىرى Stephen Harper نىڭ ۋيېتنامدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىختىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى مەزگىلىدە خىتاي دۆلەت رەھبىرى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ ياكى بۇ ھەقتە مۇھىم بىر قەدەم باسىدۇ، دەپ پەرەز قىلىشقانىدى.

خىتاينڭ كىشىلىك خاتىرىسىنى تەنقىت قىلىپ كەلگەن بۇ ھۆكۈمەت بىلەن خىتاي دائىرلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشمەكتە

كانادادىكى كارلېتون ئۇنىۋېرسىتى نورمان پاتېرسون خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىنىڭ مەسئۇلى Fen Hampson خۇ جىنتاۋ ئاخىرقى ھېسابتا Stephen Harper بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈشكە قوشۇلغان تەقدىردىمۇ، بۇ تەلەپنىڭ بۇنچىۋالا ئارقىغا سوزۇلۇشى ھەقىقەتەن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئىش، دەيدۇ.

كانادا كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن 9 ئايدىن بۇيان يۈز بەرگەن بىرقانچە ۋەقە خىتاينى بىئارام قىلغانىدى. بۇلاردىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter Mackay نىڭ 1000دىن ئوشۇق خىتاي جاسۇسىنىڭ كانادادا پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارە تەنقىت قىلىشى ۋە كانادانىڭ دالائى لاماغا پەخرى پۇخرالىق سالاھىيىتىنى بېرىشى قاتارلىقلارنى ساناشقا بولىدۇ. كانادا دائىرلىرىنى خاپا قىلغان مەسىلە بولسا، خىتاينىڭ كانادا پۇقراسى ھېسابلانغان ھۈسەيىن جېلىلنى ئۆزبېكىستاندىن ئۈن-تۈنسىز تۇتۇپ كېتىشى ۋە بۇ ھەقتە كاناداغا ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەنلىكى بولغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھازىرغىچە خىتاينى زىيارەت قىلىپ باقمىدى. گەرچە كانادا خەلقئارا سودا مىنىستىرى Dawid Emerson نىڭ بۇ ئاي ئىچىدە خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئامما بۇ زىيارەتمۇ ئاخىرقى ھېسابتا كېچىكتۈرۈلدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇچرۇشۇشلار بولدى، ئامما مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىدى

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پەتەر ماككاي كانادادىكى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى 8 ئايدىن بەرى ئارقىغا سوزۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تېخى يېقىندىلا كۆرۈشكەنىدى. سودا ساھەسىدىكىلەر كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ئاكتىپ بېرىش - كېلىش قىلمىغانلىقىدىن نارازى بولماقتا. چۈنكى ئۇلار ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى يىرىكلىك سودا مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبى تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ ئەنسىرىمەكتە.

“Globe and Mail” گېزىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە پارلامېنتتىكى ھەرقايسى پارتىيىلەر يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن كانادا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى بۇ يىل ئۆتكۈزۈش كېرەكمۇ يوق، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرە قىلماقتا ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كونسېرۋاتىپ پارتىيەسى پارلامەنت ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىنى ئىزچىل تەنقىت قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ يىل يازدا Stephen Harper رۇسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن، 8 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىدا خۇجىنتائو بىلەن قىسقىلا كۆرۈشكەنىدى.

Huseyin-Jilil.jpg

Peter Mackay خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بىلەن ئىككى قېتىم ئۇچۇرۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بۇنىڭدىن بىر نەتىجە چىقمىدى. Peter Mackay نىڭ خىتاينىڭ بۇ مىنىستىرىدىن ئالغان جاۋابى بولسا، ئۇنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ۋەقەسىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى بولدى.

Stephen Harper: خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا ساھەلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك

Stephen Harper ئالدىنقى ئايدا، كانادادا چىقىدىغان "شىڭ تاۋ" گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىختىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى مەزگىلىدە خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇزاقراق ۋە ئايرىم پاراڭلىشىش ئارزۇسىنى ۋە كانادانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ:

"بىز خىتاي بىلەن سودا، مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، ئىختىسادىي مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىش بىرگە، يەنە خىتايدا سىياسى ئىسلاھاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كانادانىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسى تەرەپلەردىكى قىممەت قارىشىنىڭ ئومۇملىشىشىغا يول قۇيۇلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز. بىز خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا ساھەلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بۇ قىممەت قارىشى كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ مەلۇم دۆلەت بىلەن بولغان سودىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆز ئەقىدىسىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى تەشەبۇسلىرىمىز ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر قىلماسلىقى كېرەك،" دېگەن.

Stephen Harper: ھۆكۈمىتىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان پۇقرايىمىز ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسىدۇر

يۇقۇرىقى گېزىتنىڭ "سىزنىڭ نۆۋەتتە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئەندىشىڭىز نىمە؟" دېگەن سوئالىغا جاۋاپ بەرگەن Stephen Harper:

"ھۆكۈمىتىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى خىتايدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدۇر. ھۆكۈمەت ھادىملىرىمىز خىتاي كەسىپداشلىرى بىلەن بۇ مەسىلىدە تەكرار-تەكرار ئالاقە قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ ئەندىشىلىرىمىزگە جاۋاپ قايتۇردى. بىز ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى داۋاملىق تەكرارلايمىز. خىتاي قانۇنى بويىچە بولغاندىمۇ ئۇ يەنىلا كانادا پۇقراسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك،" دېگەنىدى.

ئالدىنقى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى Stephen Harper تورونتودا، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى ھامىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغان ئىرادىسىنى قايتا بىلدۈردى.

خۇ جىنتاۋ ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولىشى مۇمكىن

كارلېتون ئۇنىۋېرسىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى Fen Hampson نىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ Stephen Harper نىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنى جاۋابسىز قالدۇرۇشى - ئۇنىڭ ئۆز ئەلچىسىنى ئۇزۇن ساقلاتقان كانادا ھۆكۈمىتىگە ئىنكاسى ئىكەن. Fen Hampson "بۇ بىر تاكتىكا بولۇشى مۇمكىن، دىپلوماتىك ئۇيۇن بولىشى ناتايىن"، دەيدۇ. باشقا بىر مۇلاھىزىچىنىڭ قارىشىچە بولسا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كرىزىسكە ئېلىپ كېلىۋاتقان-- ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش يولىنى تاللىغان بولسا كېرەك.

كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى مۇلاھىزىلەرگە قارىغاندا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى ئاخىرقى ھېسابتا ئەمەلگە ئېشىپ، Stephen Harper خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەن تەقدىردىمۇ، ئامما ئۇچرۇشۇشتا ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ناتايىن ئىكەن. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.