كانادا سودا ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى قۇربان قىلمايدۇ


2006.11.17

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋيېتنامدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىختىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا كانادا خىتاي ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئايرىم كۆرۈشۈش كۈنتەرتىپى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper كانادانىڭ پۇلنى دەپ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت قىممەت قارىشىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

Stephen Harper ۋيېتنامدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان، ئاسىيا تەنچ ئوكيان ئىختىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇنبىرىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، چارشەنبە كۈنى ۋېيتنامغا قاراپ يولغا چىقىش ھارپىسىدا، كانادانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئامما ئاساسى پرىنسىپتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ:

"مېنىڭچە، كانادا خەلقى بىزنىڭ كانادانىڭ قىممەت قارىشىغا ئاسىيلىق قىلىشىمىزنى يەنى دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇققا بولغان ئەتىقادىمىزنى پۇلغا سېتىشىمىزنى خالىمايدۇ، بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتا چىڭ تۇرىشىمىز كانادانىڭ قىممەت قارىشىنى، مەنپەتىنى كېڭەيتىشتۇر،" دېدى.

Stephen Harper نىڭ قارىشىچە، كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى ساغلام راۋاجلانماقتا ئىكەن. ئەمدى باشقا مەسىلىلەرنى سۆزلىشىش كېرەككەن.

كانادا ئۈچۈن نېگىزلىك مەسىلە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرى

بۇنىڭدىن ئىلگىرى كانادا مەتبۇئاتلىرى Stephen Harper نىڭ بۇ قېتىمقى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سۆھبىتىدە كىشىلىك ھوقۇق ھەمدە خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلغان كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ قۇيۇپ بېرىلىش مەسىلىسىنى سۆزلىشىشتە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ ئۇچرۇشۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى. Stephen Harper ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئىزچىل تەنقىت قىلىپ كەلمەكتە. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغانلىقىغا نارازى بولغان خىتاي، بۇ ئۇچرۇشۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان

كانادا مەتبۇئاتلىرى، كانادانىڭ خىتاي بىلەن يۇقۇرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى بىرىنجى بولۇپ تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلسا، باش مىنىستىرى Stephen Harper ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ئۇچرىشىش تەلىپىنىڭ خىتاي تەرەپتىن كەلگەنلىكىنى، كېيىن يەنە خىتاي تەرىپىدىن بۇ ئۇچرۇشۇشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

كانادا مەتبۇئاتلىرى لىبېرال پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتتىكى مەزگىلىدە ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىرلاردىن Jaen Chretien بىلەن Paul Martin نىڭ خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتىنى ساقلىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا.

كانادادىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر، خەلقئارا مەسىلىلەر ۋە دىپلوماتىيىگە كەلگەندە كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى خاملىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىپلىمەكتە.

لىبېرال پارتىيىنىڭ باياناتچىسى Keith Martin "كونسېرۋاتىپ پارتىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. دۇنيانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتى ئارقىلىق، خەلقئارالىق تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش كېرەك،" دېدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: كىشىلىك ھوقۇق تەرەپتىن يول قۇيۇشقا بولمايدۇ

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter Mackay كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھېچكىمگە يول قويمايدىغانلىقى بىلدۈرۈپ:

"بىز باشتىن ئاخىر ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. بىز ھەرقانداق دۆلەت بىلەن ئۇچراشقاندا بۇ پرىنسىپقا ئەمەل قىلىمىز. بىز بۇلارنى سۆزلىگەن ئىكەنمىز، ئەمەلىيەتتىمۇ كۆرسىتىشىمىز زۆرۈر،" دېدى..

سودا ساھەسى ئەندىشە ئىچىدە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەمنۇن

يېرىم ھۆكۈمەت خارەكتېرىنى ئالغان كانادا خىتاي سودا كېڭىشىنىڭ رەئىسى Sergio Marchi بولسا، كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن بولغان سودىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئۈندەپ: "پۈتۈن دۇنيا سودا ئۈچۈن خىتايغا يۈگۈرىۋاتىدۇ، ئامما بىز بۇنى يەنىلا ئېتىراپ قىلمايۋاتىمىز"، دېدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشۈشىچە، خىتاي كانادانىڭ ئىككىنچى چوڭ ھەمراسى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ بۇلتۇرقى سودا سوممىسى 30 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن. شۇڭا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت كانادا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلۈمىنىڭ باياناتچىسى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قوللانغان قاتتىق مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:

"خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. كانادالىقلار بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولىشى ئىنتايىن توغرا،" دەيدۇ.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ھۆسەيىن جېلىلنىڭ قۇيۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كانادا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

خىتاي ئېغىز تەگىشتۈردى، ئامما يەنىلا كاناداغا نارازى

ئامما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بايانتچىسى جياڭ يۈ پەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ:

"خىتاي دۆلەت رەئىسى ھۇ جىنتاۋ خانويدىكى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىختىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلىرىنىڭ غەيرى رەسمىي يىغىنى جەريانىدا كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper بىلەن كۆرۈشىدۇ دېدى. خىتاي باياناتچىسى جىئاڭ يۈ يەنە Stephen Harper نىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى تەنقىدلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بىز باشقا دۆلەتنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىشلىرى ھەققىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن سۆز قىلىدىغان ھەمدە باشقا دۆلەتنىڭ ئىشكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان خاتا ئۇسۇللارغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، دېدى.

Stephen Harper نىڭ باياناتچىسى Dimitiri Suodas بولسا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا، Stephen Harper نىڭ ھۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۇشىدىغانلىقىنى، ئامما كۆرۈشۈش ۋاقتىنىڭ تېخى بەكىتىلمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كانادادىكى CTW تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇلاھىزىسىگە قارىغاندا، خىتاي تەرەپنىڭ ئېيتقىنى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ رەسمىي ئۇچرىشىشى ئەمەس، بەلكى غەيرى رەسمىي ئۇچرىشىش ئىكەن. شۇڭا بۇ ئۇچرىشىش مەسىلىنى ھەل قىلمايدىكەن. بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ھۇ جىنتاۋ بىلەن Stephen Harper نىڭ ئۇچرۇشىشىنى خىتاي تەرەپ ئەمەلدىن قالدۇردى دېگەن سۆزنى كانادا تەرەپ ئويدۇرۇپ چىقاردى، دەپ مەسئۇلىيەتنى كاناداغا ئارتقان.

كانادا مەتبۇئاتلىرى كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ مەنبەسى كانادا پۇقراسى بولغان ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە خىتاي تەرىپىدىن ئۇنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىتىنىڭ رەت قىلىنىشى دەپ باھا بەرمەكتە.

مەتبۇئاتلىرىغا قارىغاندا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter Mackay خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن بۈگۈن خانويدا ئايرىم سۆھبەتلەشكەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئوزئارا قىزىقىدىغان مەسىللەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتى، دەپ خەۋەر قىلغان، لېكىن بۇ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى ئاشكارىلىمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.