خىتاي كانادا رەھبىرىنىڭ سۆھبىتىدىكى مەركىزى مەسىلە - ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى

0:00 / 0:00
harper0vietnam.jpg
كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper 16 – نويابىر كۈنى APEC يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋيېتنامغا بارغاندا بىر ۋيېتناملىق ئۇنىڭغا گۈل تەقدىم قىلماقتا. ئۇ بۇ سەپىرى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. AFP

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىختىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper نىڭ خۇسۇسى سۆھبىتىدە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە توختالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى. ئامما Stephen Harper كانادا مەتبۇئاتلىرىغا خۇ جىنتاۋ بىلەن بولغان كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، باشقا سورۇنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن مەيدانىنى تەكىتلىگەنلىگىنى ئەسكەرتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى Stephen Harper كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىنى دەپ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردۈرگەنىدى.

كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىختىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنى يەنى شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن غەيرى رەسمىي يوسۇندا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي دائىرلىرى كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ يۇقىرىقى يىغىن جەريانىدا مەخسۇس ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، كېيىن ئۇلار Stephen Harper خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىت قىلغانلىقىنى بانا قىلىپ، ئەسلىدە پىلانلانغان بۇ كۆرۈشۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە خىتاينىڭ بۇ ھەركىتى كانادا جامائىتىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper نىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى دادىللىق بىلەن تەنقىت قىلىشىنى ۋە ئۇنىڭ خىتاي دۆلەت رەھبىرى بىلەن ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە مەخسۇس ئۇچراشقانلىقىنى - كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى مۇھىم بىر مۇساپە، دەپ باھالىماقتا. ئامما كانادا مەتبۇئاتلىرى بۇ ئۇچرىشىشنىڭ غەيرى رەسمىي كۆرۈشۈش ئىكەنلىكىنى، باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋنىڭ Stephen Harper بىلەن 15 مىنۇتلا سۆھبەتلەشكەنلىگىگە دىققەت قىلماقتا.

ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ سۆھبەت ھەققىدىكى باياناتى بىربىرىگە زىت

Stephen Harper بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ سۆھبىتىدىن كېيىن، ئېلان قىلغان ئىككى دۆلەتنىڭ ئاخباراتىدىكى سۆھبەت مەزمۇنلار بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ. Stephen Harper نىڭ باياناتچىسى Dimitri Soudas، بۇ كۆرۈشۈشنىڭ خۇ جىنتاۋنىڭ تەلىپى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە سۆھبەتنىڭ سەمىمى ۋە ئىجابىي بولغانلىقى، سۆھبەتتە ئىختىسادىي، سىياسى ۋە كونسۇل ھوقۇقى مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، كونسۇلنىڭ ھوقۇقلىرى دېگەندە ئاساسلىقى خىتايدا ئاتالمىش تېررورچىلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى، دەپ ئەيىپلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ دېلوسى كۆزدە تۇتۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بولسا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ بۇ سۆھبەتنىڭ قانداقتۇ بىر تەرەپنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى، ئىككى رەھبەرنىڭ ھەقىقەتەن ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى، ئامما بۇ كۆرۈشۈشتە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى، خىتاي تەرەپنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى خىتاي پۇقراسى دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۆلگۈنچى، تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ سۆھبىتىدىكى مەركىزى مەسىلە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى

Stephen Harper بۇ سۆھبەتنىڭ غەيرى رەسمىي سۆھبەت بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممە مەسىلىنى سۆزلەپ ئولتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ:

مەن كۆپچىلىك كۆڭۈل بولىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە رەئىس خۇ جىنتاۋ بىلەن 15 مىنۇت سۆھبەتلەشتىم. سۆھبەت ئاساسەن دوستانە كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى. ئىككى تەرەپ بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىمۇ بار، دېدى. ئۇ سۆھبەتتە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ۋە تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىش ئالدىدا تۇرغان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

كىشىلىك ھوقۇق ياخشىلانسا سودىمۇ راۋاجلىنىدۇ

Stephen Harper بۇ سۆھبەتتە ھۈسەيىن جېلىل ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن باشقا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مەسىلىلىرى ھەققىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكىنى، ئالدىنقى ھۆكۈمەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا يۇمشاق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ:

"كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا غايەت زور قىزىل رەقەم مەۋجۇت. ئەمىلىيەتتە كىشىلىك ھوقۇققا سەل قارىغان بىلەنمۇ يەنىلا ئىشىكنى چوڭ ئاچقىلى بولمايدىكەن. قىممەت قارىشىنى قۇربان قىلغان بىلەنمۇ مەسىلە ھەل بولمايدىكەن"، دېدى.

كانادا گېزىتلىرىگە قارىغاندا خۇ جىنتاۋ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلغا بەرگەن باھاسى خىتايدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىكەن. خىتاي دائىرلىرى ھۈسەيىن جېلىلنى ئۆزبېكىستاندىن تۇتۇپ كەتكەندىن كېيىن، كانادانىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى ۋە ئۇنىڭ كانادا پۇخرالىق سالاھىيىتىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتايدا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇشى كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمەت ئۈچۈن پايدىسىز

ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنى كانادادىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. ئۇلارنى ھۆكۈمەتنى ئۆز پۇقراسىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدىيالماي، كانادانىڭ غۇرۇرى بىلەن ئويناشماقتا دەپ ئەيىبلىمەكتە.

ئالدىنقى كۈنى كانادادىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان لىبېرال پارتىيىنىڭ رەئىسى Bill Graham پارلامېنتتىكى مۇنازىرىدە كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى ئەيىبلەپ:

"باش مىنىستەر ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دۇنيادا تىز يۈكسىلىۋاتقان دۆلەت بىلەن قانداق ئالاقە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدى. باش مىنىستىرنىڭ بۇ كۆرۈشۈشى قالتىس ۋەقە بولغان بولسا، ئۇنداقتا پارلامېنت سېكرېتارى Jason Keney ئەپەندى خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇرۇلۇۋاقتان ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنى قاچان كاناداغا قايتۇرۇپ كېلىسىز ۋە كانادانىڭ غۇرۇرىنى يەنە قانچانغىچە يەرگە ئۇرىسىز ؟"، دېدى.

باش مىنىستىرنىڭ پارلامېنت ئىشلىرى سېكرېتارى Jason Kenney بولسا ھۆكۈمەتنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ۋە لىبېرال پارتىيىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى كوزۇر قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىنى تەنقىت قىلىپ:

"لىبېرال پارتىيە خىتايدا سىياسى سەۋەپ بىلەن قاماقتا تۇرىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرىگە قىزىقىۋاتقان ۋە ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن جىددى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۆكۈمەتنى نىمە ئۈچۈن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسۇن. ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرىگە پۈتۈن كانادا كۆڭۈل بولىۋاتىدۇ. باش مىنىستىرنىڭ خىتاي دۆلەت رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىشىمۇ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىر قەدىمى"، دېدى. ئۇ سۆزىدە ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ بۇ سۆھبىتىگە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەتتا ئۇنىڭ ئادۋوكاتىنىڭمۇ يۇقۇرى باھا بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئادۋوكاتى Christ Mesclen بۇ سۆھبەتنى كانادانىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى مۇھىم قەدىمى دەپ باھالىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى كانادا پۇقراسىنى قانۇنسىز قولغا ئېلىپ، خەلقئارا قانۇنلارنى ئاياق ئاستى قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەنىدى. (كامىل تۇرسۇن)