ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئايالى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ يولدىشىنى خىتايدىن قايتۇرۇپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا

0:00 / 0:00

دۈشەنبە كۈنى كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى. نۆۋەتتە كانادا ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستان ۋە خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشلىرى ئۈستىدىن نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھۈسەنجان جېلىلنى كاناداغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.

ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىدىن يولدىشىنى كاناداغا قايتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە ئۆز پۇقراسىغا ئىگە چىقىپ، ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.