ھۈسەيىن جىلىلنىڭ خىتايغا تاپشۇرۇلۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟


2006.06.28

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ھۈسەيىن جىلىل مەسىلىسىگە مەسئۇل خادىمنىڭ ھۈسەيىن جىلىلنىڭ ئايالىق كامىلە خانىمغا بىلدۇرۇشىچە، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇشۇ يىلنىڭ 27 - مارت كۈنى قولغا ئېلىنغا كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى بىر ھەپتىنىڭ ئالدىغا خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

كانادا خەلقئارا رادىئوسىنىگ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھۈسەيىن جىلىلنىڭ ھازىر زادى خىتايدا ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاشقا تىرىشماقتا ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى شۇنچە كۈچەپ ھۈسەيىن جېلىلنى خىتايغا قايتۇرۇش ئارقىلىق نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ ھۈسەيىن جىلىلنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى كانادانىڭ ھۈسەيىن جىلىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا قانداق قىيىنچىلىق ياكى ئاسايىشلىق ئېلىپ كېلىدۇ؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.